ئ‍ەي دوست - مۇھەممەد ئەركىن چىن يار

 ئ‍ەي دوست 

مۇھەممەد ئەركىن چىن يار


ھاياتلىق يولىدا يۈرسەم گەر ئ‍ېزىپ ،
قەلىڭدە مىڭ رەت شۇم خىياللار كېزىپ .
چىن كۆڭۈل بېتىگە تىكەنلەر تىزىپ ،
يامانلىق غارىغا باشلىما ئ‍ەي دوست .

كۆزلىرىڭ كۈلىدۇ يالغان جىلمىيىپ ،
ئ‍الدىمدا سۆزلەيسەن قەسەملەر ئ‍ىچىپ .
ئ‍امەتلەر قاچقاندا ناھەق سۆز قىلىپ ،
غەيۋەتلەر چۆلىگە تاشلىما ئ‍ەي دوست .

كېتەرمىز بۇ دۇنيا قالىدۇ بىزدىن ،
قالىدۇ ياشلارمۇ تۆكۈلۈپ كۆزدىن .
پاك نىيەت قەدەملەر ماڭغان ئ‍ىزىدىن ،
شەيتانى قەستلەرنى پايلىما ئ‍ەي دوست .
     





101 قېتىم كۆرۈلدى مۇھەممەد ئەركىن چىن يار ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-20 15:56:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-21 21:44:56 阿布都沙拉木
QIN YAR GAYRAT KILIG
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ