سەبىيلەرگە رەھىم قىل دۇنيا - نادىر ئەسەر

 سەبىيلەرگە رەھىم قىل دۇنيا

 

www.yazghuqilar.com

 

غەمسىز ئىدىم مەن سەبىي چاغدا ،

 ئاداشلىرىم شۇنچە كۆپ ئىدى .

 مەھەللىنى چاڭ كەلتۈرەتتۇق ،

 ئۇ چاغلاردا ئوغرى يوقمىدى ؟

 

 يۈگۈرۈشۈپ ،مۈكۈشمەك ئويناپ ،

 يىراقلارغا كىتىپ قالاتتۇق .

 كەچ بولغاننى تۇيماي بەزىدە ،

 ئۆيگە قايىتقاچ يۇلتۇز سانايتتۇق .

 

 نىم بولدىكىن بۈگۈن زامانغا،

 چىقما سىرتقا دەيمەن بالامغا.

 پالان يەردە پالان ئىش بوپتۇ .

 ئۇچراپ قالـما زادى يامانغا .

 

 ئاڭلىغاندا شۇ سۆزلىرىمنى ،

 جان بالامنىڭ تىترەر يۈرىكى .

 كۆزلىرىمۇ چەكچىيىپ كىتەر،

 تەبەسسۇمى يۇقاپ يۈزىدىكى .

 

 دىيەلـمەيمەن باتۇر بول،قورقما .

 سەن خاتىرجەم قىيغىتىپ ئوينا .

 چۈنكى ئۆزۈم بولدۇم قورقۇنچاق،

 سەن گۇناھنى مېنىڭدە قويما .

 

 ئەشۇ ئىپلاس بالا ئوغرىسى،

 سەبىيلەرگە قارا قول سوزدى.

 يۈتتى قانچە مەسۇم گۆدەكلەر،

 ھەر ئۆيلەردە خوشلۇق توزىدى.

 

 شۇنداق دېگۈم كىلەر دۇنياغا،

 سەبىيلەرگە رەھىم قىل دۇنيا.

 ئۇ شۇ قەدەر پاك ھەم بىغۇبار،

 پەسكەشلەرنى يۇتقىن ئەي دۇنيا !

 

 مەرھابا نۇرمۇھەممەد ئۆزنۇر يازمىسى





107 قېتىم كۆرۈلدى oznur326 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-5 0:35:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ