بىر 'قىزنىڭ' - تۇرغۇنجان كامال

بىر 'قىزنىڭ' 

 تۇرغۇنجان كامال


چېھرى ئاي كۆزى بۇلاق بىر قىزنىڭ،
كىرپىكى ئوق قاشى ساداق بىر قىزنىڭ.
سۆيگۈ ئوتلىردا قايناپ تاشار غورورى،
دىلى پاكىز خۇلقى ئوماق بىر قىزنىڭ.

كۆكلەپ سۆيگۈ ئىزلىردىن كىلەر بىر ئىتقاد،
تەبەسۇمى چاچار ئەتىر پۇراق بىر قىزنىڭ.
ھۆسنىدەك بويلىرغا يامىشار تاڭ شاملى،
دەردىدە ناخشا قوشاق قوشقانلىرىم بىر قىزنىڭ.

ئويلاپ كۆرسەم ھاياتىمدا بىردىن بىر سۆيگۈنىمكەن ئۇ،
يان يېندا بىر ئۆمۈر ھەمرا بولمەن بىر قىزنىڭ.
ۋاپادار ئارمانلىرى زىيادۇر قۇياشتەك ھەم،
چىن يۈركىمدىن كۆيەرمەن جانان بولۇپ ئۇ قىزنىڭ.
     





85 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇنجان كامال ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-21 12:14:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ