قەھۋەرەڭ تىلەك

قەھۋەرەڭ تىلەك

 

 ئ‍انارگۈل (سەبىر )

 

بىر ئ‍ىستاكان قەھۋە دەملىدىم،

 ئ‍ارلاشتۇرۇپ ھەسرەتلىرىمنى.

 ئ‍ىچمەي تۇرۇپ خىيالغا چۆكتۈم،

 قوزغاپ يەنە كونا دەرتلەرنى.

 

 خىياللىرىم قەھۋەدەك تەملىك،

ئ‍ەسلىمىلەر ئ‍اچچىق بولسىمۇ.

 مىيىقىمدا كۈلدۈم ئ‍ۆزەمچە،

دىلىمدا لىق ئ‍ەلەم تۇرسىمۇ.

 

بىر ئ‍ىستاكان قەھۋەگە قاراپ،

كۆزلىرىڭنى كۆرگەندەك بولدۇم.

 سىرلىق ئ‍ىدى قەھۋەرەڭ كۆزۈڭ،

 ئ‍ەسلەپ يەنە ئ‍ازاپقا تولدۇم.

 

 قەنت سالمايتىم ، سۈتمۇ قوشمايتىم،

 قىرتاق پېتى يۇتاتتىم بىراق.

 يايرار ئ‍ىدى ئ‍ىچكەندە دىلىم،

جان-جېنىمدىن ئ‍ۆتسىمۇ پىراق.

 

 بىر ئ‍ىستاكان قەھۋە قۇلۇمدا،

ئ‍ىچەلمىدىم ،كۆيدى يۈرىكىم .

 بولساڭ ئ‍ىدىڭ يېنىمدا شۇتاپ،

شۇلا ئ‍ىدى ئ‍ەسلى تىلىكىم.

 

2012.12.14

مەنبە ئ‍ۆز قەلىمىم





80 قېتىم كۆرۈلدى dengiz ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-14 18:51:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ