دوستلۇرۇم يوقلاپ كىلەرمىش
دوستلۇرۇم يوقلاپ كىلەرمىش ... تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر ) دوستلۇرۇم يوقلاپ كىلەرمىش مېنى ، تۇتۇلغانمىش بەزىلەرنىڭ زۇۋانى ، بىلدىمغۇ ، بوياقلىقكەن بەزىلەر ، ئېلىۋەتسە خۇش بولاتتىم نىقاۋى . دوستلۇرۇم يوقلاپ كىلەرمىش مېنى ، بولسا دەيمەن كۈلكىلىرى شاتلىقى ، ئىزلەپ يۈرەر نىمىلەرنى ، بەزىلەر ، ئوخشىمايدۇ دوستلۇرۇمنىڭ يازلىقى . دوستلۇرۇم يوقلاپ كىلەرمىش مېنى ، ئىللىق سالام ئېلىپ كەلگەنمۇ قېنى ، سىلىق سۇۋاق قىلمىسا دوستلار ، ئۆتتىغۇ يىللار ، چۈشەنمىدىمغۇ سېنى . دوستلۇرۇم يوقلاپ كىلەرمىش مېنى ، ھەر سەھەردە ئوخشىمايدىغۇ تېلى ، سۈكۈت قىلغانغۇ كەچۈرۈپ ئەبەدىي ، ۋەلىكىن چۈشەنمەس زادىلا مېنى . دوستلۇرۇم يوقلاپ كىلەرمىش مېنى ، سەزدىمغۇ قوينىدا باردەك پالتىسى ، مەيلىغۇ چەيلىسە تۇرىمەن گىگانت ، قىلۇرغۇ دوستۇم پۇشايمان ، بىر كۈنى .



31 قېتىم كۆرۈلدى turhun ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-25 23:19:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ