ھازىردىن باشلاڭ

ھازىردىن باشلاڭ

گۈلزىرە مەخمۇت

نەسرىي ئەسەر

 

ھېچكىم كۆڭۈلسىزلىكنىڭ ئۆزىنى ئەگىپ يۈرىشىنى خالىمايدۇ، بىراق بەزىدە كۆڭۈلسىزلىكلەردىن خالىي بولالماي قالىمىز. قەدرىڭ نەدە بولسا، بەختىڭ شۇ يەردە دېگەندەك ، قەدرىمىزنى قىلىغان يەرنى ئىزدەيمىز،لېكىن بەزىدە قەدىرسىز يەرلەرگە قەدەم تاشلاپ قويۇپ ، قەدىرسىز بولۇپ قالىمىز؛

ھېچكىم ئاچچىقلىنىشنى خالىمايدۇ، بىراق ئاچچىقلىنىپمۇ قالىمىز ، ھەتتا ئاچچىق يۈتۈپ ئاغرىپمۇ قالىمىز. شۇڭا كونىلاردا ‹‹ يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس ، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر ›› دەيدىغان گەپ بار. ئاچچىقلاش-باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈستىگە ئۆزىنى جازالاش دېمەكتۇر. شۇڭا، ئۆزىڭىزنى جازالىماي، ئۆزىڭىزنى سۆيۈشنى ئۆگىنىۋېلىڭ؛

ھېچكىم جاپا تارتىشنى خالىمايدۇ.بىراق، جاپا تارتماي ھالاۋەت نەدە ؟! بەزىلەر بىر نەرسىگە ئېرىشىشىتىن بۇرۇن بەدەل تۆلىسە ،يەنە بەزىلەر ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن بەدەل تۆلەيدۇ . بۇ ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت ، بىر نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن يەنە بىر نەرسىدىن ۋاز كېچىش كېرەك . بەزىدە ئادالەتسىزلىكتەك بىلىنىدۇ ،بىراق مۇتلەق ئادالەت نەدە بار ؟.....

ھېچكىم يىغلاشنى خالىمايدۇ، بىراق يىغلاپمۇ قالىمىز . ھەتتا يىغلاپ تۇرۇپ كۈلۈپمۇ كېتىمىز . نېمىلا دېگەن بىلەن كۈلكە بىلەن يىغا قوشماق ئەمەسمۇ ! كۈلكە بىزگە خۇشالللىق بېغىشلىسا ، يىغا بىزنى دەرد-ئەلەملەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ. يىغلىغان يىغلاپ ئۆتىۋەرمەيدۇ، كۈلگەن كۈلۈپ ئۆتىۋەرمەيدۇ، ئۆتنە جاھان بۇ !

ھېچكىم غورۇرسىز ياشاشنى خالىمايدۇ، غورۇردىن ئايرىلغانلىق ئۆلگەن بىلەن ئوخشاش دەپ قارايدۇ.ھەتتا غورۇرى ئۈچۈن جېنىدىن،مۇھەببىتىدىن ۋاز كېچىدۇ . ئاتالمىش غورۇر ئۈچۈن غايەت زور بەدەللەرنى تۆلەيدۇ. ئەلۋەتتە، ھەربىر ئادەمدىكى غورۇر ئۇقۇمى ئوخشاش بولمايدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بەلكىم مەنمۇ ئاتالمىش غورۇرۇم ئۈچۈن سۆيگۈنۈمدىن ۋاز كېچىشىم مۇمكىن. غورۇرسىز سۆيگۈنىڭ نېمە لازىمى؟ لېكىن سۆيگۈسىز غورۇر ماڭا نېمىنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ كۆڭلۈم ئىزدەشنى ئىستىسە،غورۇرۇم ۋاز كېچىشكە ئۈندەيدۇ. غورۇر ۋە سۆيگۈم ئۈستىدە كۈرەش قىلىشقا مەجبۇرمەن. ھازىرغىچە غورۇرۇمدىن ۋاز كەچمىدىم، بىراق كۆڭلۈم نەقەدەر ۋەيران.....

ھېچكىم يالغۇزلۇقنى خالىمايدۇ. ئەلۋەتتە ، ئاز بىر قىسىم كىشىلەر يالغۇزلىقتىن قورقمايدۇ ، ئۇلار يالغۇزلۇقنى ياخشى كۆرىدۇ. ‹‹ يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس›› دەيدىكەن. يالغۇزلۇق-ھەر خىياللارغا باشلايدۇ. يالغۇز قالغان چاغلاردا بىز ئەڭ يېقىنلىرىمىزنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە موھتاج بولىمىز. ئىنسان ئاجىزدۇر ، ئۇ يەنىلا يېقىنلىرىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە موھتاج؛

ھېچكىم مەڭگۈ ياشىيالايمەن دېيەلمەيدۇ. ئۆلمەيدىغان كىم بار ؟ جاھان ئەركىسى چىڭگىزخانمۇ ئۆلۈپ كەتتىغۇ ؟ ئۆلۈم ھەممىنى يېڭىدۇ. ئۆلۈم ئالدىدا بىز مەڭگۈ ئىلاجىسىزمىز. بىراق ئىنسان ئۇنۇتقاق، گوياكى ئۆلمەيدىغاندەك ياشايدۇ، تىرىكچىلىك ئۈچۈن ھارماي-تالماي تىرىشىدۇ، تىرمىشىدۇ.دوختۇرخانىغا بېرىشقا ۋاقتى چىقمايدۇ، بىراق كېيىنكى ئۆمرىنى دوختۇر پۇلى تېپىش  ئۈچۈن تىرىشىدۇ.  ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ھېچنىمىنى ئەكىتەلمەيدۇ، قالىدىغىنى ياخشى نام ياكى ئەسكى نام خالاس؛

ھېچكىم پۇشايمان قىلىشىنى خالىمايدۇ . لېكىن ھەرقەدەمدە پۇشايمان قىلىشى مۇمكىن ، پەقەت شۇ ‹‹ كېيىنكى پۇشايمان ئۆزگە دۈشمەن›› دەپ، ئۆزىنى بەزلەپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى بولسا كېرەك. قولىدا بار چېغىدا قەدىرلىمەيدۇ ، قولىدىن چىقىرىپ قويغىنىدا ئەينى ۋاقىتتا قەدىرلىمىگىنىگە پۇشايمان يەيدۇ؛

ھېچكىم رەنجىشلەر ئىچىدە ئۆتۈشنى خالىمايدۇ . خاتالاشمايدىغان ئادەم يوققۇ ! خاتا قىلغان بولسىڭىز تۈزىتىڭ، خاتا قىلغان بولسا كەچۈرىۋېتىڭ . ئەڭ مۇھىمى، كەچۈرۈش ۋە كەچۈرۈلۈش. سىز باشقىلارنى كەچۈرگەن چېغىڭىزدا ، باشقىلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىغا يول ئاچقان بولىسىز . بۇ ھايات شۇنچىلىك قىسقا، بەلكىم بۈگۈن كۆرگەنلەرنى ئەتە كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.....شۇڭا، رەنجىشلەردىن يىراق تۇرۇپ، ئۆمرىڭىزنى خۇشال ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىڭ؛

ھېچكىم ئارزۇسىز ئۆتۈشنى خالىمايدۇ . ئەمما، ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى ئارزۇسىدىن  ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئارزۇ-ئۈمۈدلەر گۈزەل ، لېكىن رېئاللىق بىزنى نۇرغۇنلىغان ئارزۇلاردىن يىراقلاشتۇرىۋەتتى. ئەپسۇسلىنارلىق ئىچىدە قالماي دېسىڭىز ، ھازىردىن باشلاپ ، ئارزۇيىڭىز بويىچە تىرىشىپ بېقىڭ ، ھېچ بولمىغاندا بىر كۈن بولسىمۇ، بىر قېتىم بولسىمۇ. پەقەت ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرىدا مەن ئارزۇيۇم ئۈچۈن تىرىشىپ باققان دەپ ئۆزىڭىزگە تەسەللى بېرەلەيدىغان بولۇش ئۈچۈن!

ھېچكىم ئەتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، بىراق ئەتىنىڭ گۈزەل بولۇشىنى ھەممىمىز خالايمىز. تۈنۈگۈن نېمە ئىش قىلدىڭىز ، بۇ مۇھىم ئەمەس. تۈنۈگۈن ئۆتۈپ كەتتى . ئۇنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۆزگەرتەلمەيسىز . ھازىرنىڭ ئۆزىدىن باشلاڭ ، ئەڭ مۇھىمى بۈگۈن نېمە ئىش قىلدىڭىز ؟ نېمە ئىش قىلماقچى ؟.....ھازىرنىڭ ئۆزىدە سىناپ بېقىڭ يېڭىچە تۇرمۇشىڭىزنى ، ئۆزگىچە ھاياتىڭىزنى !

ھېچكىم ئۆتمۈش ئىچىدە ياشاشنى خالىمايدۇ. بۈگۈننى سۆيۈڭ . بۈگۈن سىز يېڭى تۇغۇلدىڭىز . ھازىردىن باشلاپ ھەرىكەتكە كېلىڭ . بولمىسا ھازىرمۇ تۈنۈگۈنگە ئايلىنىپ قالىدۇ . دەرھال ھەرىكەتكە كېلىڭ، يېڭىچە ئۆزىڭىز سىزگە يېڭىچە تۇيغۇ ئاتا قىلغۇسى !

 

 

تۆت قۇلاق قەلىمىدىن

2017-يىلى 14-ماي   كورلا   

 

 





106 قېتىم كۆرۈلدى sansiz99 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-14 22:31:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ