كۆندۈرمىگىن تەنھا ياشاشقا (ناخشا تېكسىت) - تاھىرجان مەجنۇن

كۆندۈرمىگىن  تەنھا ياشاشقا 

(ناخشا تېكسىت)

   تاھىرجانمەجنۇن


تەنھا  كۈنلەر  كەتسۇن  يىراققا،
سالمىسۇن  مېنى ئىشقى پىراققا.
كەچمە  گۈلۈم  كەتمە يېنىمدىن،
كۆندۈرۈپ قويما يالغۇز ياشاشقا.

سۆيگۈ مۇھەببەت يار بولسۇن ماڭا،
چىن قەلبىم  بىلەن كۆيەرمەن ساڭا.
مېھرىڭنى  بېرىپ  كۆندۈرۈپ  مېنى،
كۆندۈرۈپ قويمىغىن تەنھا ياشاشقا.

يېنىمدا  بولساڭ  تاتلىق  پەرىشتەم،
ئۈزۈلمەس كۈندە تەبەسسۇم كۈلكەم.
كەلگىن يېنىمغا كەل  باغرىمغا تاڭاي،
مېنى  چۈشەندۈرمە  تەنھا  ياشاشقا.

يالغۇز  كۈننىڭ   دەردى   ئۆتۈلدى،
يايرىم  كەتسە    يۈرەك   تىترىدى.
كۆنۈپ  قالماي   تەنھا    ياشاشقا،
قارا  كۆزدىن     ياشلار    تۆكۈلدى.

كۆندۈر  مەكۆندۈرمە   تەنھا  ياشاشقا،
تەنھا قويۇپ چىدامسەن ئازاب سېلىشقا.
چىن ۋەدىلەر  قەسەم  بەرگەن ئەمەسمۇ،
كۆز يۇمغىچە ئۆمۈرلۈك قوشماق بولۇشقا.

تېكىست ئاپتورى.باي خەلق ئوغلانى تاھىرجان ھېيت مەجنۇن.
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ.نامسىز تارقاتماڭ.ئىشلەتسىڭىز ئىزدەڭ.
ئالاقىلىشىش ئۈندىدار تېلېفون.  13150331763
2017 -يىلى  12 - ئاينىڭ  30 - كۈنى
گۈزەل باي دىيارى گۈزەل باي كېچىسى.

     





180 قېتىم كۆرۈلدى majnuntal ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-1 4:56:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ