خاسىيەتلىك نەۋرۇز
تۇرسۈنگۈل ئېزىز ( باھاردا )
نەۋروز كەلدى بىخ چىقاردى گۈل گىيا ئېتىز دالا،
تاغدىن ئاققان ئەگىز سۈيى ئېرىق بويلاپ ئاقتى يانا.
باغلىرىمدا چىچەك ئاچتى شاپتۇل ئۈرۈك توغاچلىرىم ،
باش باھاردا كۆڭلۈم ئوچۇق شئىر مىسرا تىزدىم مانا .
خاسىيەتلىك بۇ نەۋرۇزنىڭ ئىنسانلارغا رەخمىتى كەڭ ،
ئۇرۇشقاننى ئەپلەشتۇرۈپ ئىناقلىقنى چاپتۇيار تەڭ.
خان قىزلارنى گۈل كۆسىتىپ قىيىن ئانا بولغىچىغا،
جاندىن ئەزىز پارىسىغا جۈپ قىلىشقا تۇرگۈزەر يەڭ .
خاسىيەتلىك بۇ نەۋرۇزنىڭ يىگىتلەرگە رەھمىتى كەڭ ،
چاققانلىقى جەسۇرلىغى بىر قاراشتا بىلىنەر دەڭ .
ئۆلتۈرۈلگەن قوي كالىلار كىرگىنىدە چوڭ قازانغا ،
قىزىل گۈلدەك قىزلار بىلەن ئوتۇن توشۇپ ئوت قالار تەڭ.
خاسىيەتلىك بو نەۋرۇزنىڭ بوۋىلارغا رەخمىتى كەڭ ،
مومىيىغا كۈلۈپ قاراي شۈكرى بىلەن ئاش ئىچەر تەڭ.
ھايات شامى ئۆچمىگەنگە ئىچ ئىچىدىن خوشلىقى بار،
نەۋرۇز لارنى تەبرىكلەيدۇ ياشلار بىلەن ئوتتۇرۇپ تەڭ.
خاسىيەتلىك بۇ نەۋرۇزنىڭ ھەممىمىزگە رەخمىتى كەڭ،
ئاپپاق قاردەك ، قۇياشتەك ، سىخى بىزگە نىممىتى كەڭ.
گۈزەل ماكان قۇرايلى مىھىر بىرىپ ئۆز ئارا ،
مىھىر سىز بىز ياشىشاق ياشىغىنىمىز نۆلگە تەڭ.
2017- يىلى 3--ئاينىڭ 30- كۈنى
| 36 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرسۈنگۈل ئېزىز | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-2 22:26:21 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|