چۈشمىسۇن داغ ئايال نامىغا
ساۋۇت سەدەن
كالتە يوپكا كېيىپسەن ساغراڭنى تولغاپ،
كىندىگىڭنى ئېچىپسەن مودىنى دوراپ.
نومۇس قىلماي ئاتاڭدىن، يۈرۈيسەن تېغى،
يۈز - كۆزۈڭنى مايمۇننىڭ كۆتتىدەك بوياپ.
چاچلىرىڭنى قىپ قىزىل بوياپسەن تېغى،
سەندە يوقمۇ، ئەدەپ ئەخلاق زەرىچە ئېڭى.
ھايانى دەپنە قىلىپ يۈرىيسەن شۇنداق،
قايتا سەندە ئاتماسمۇ پەزىلەت تېڭى.
كوچىلارغا ماددى بويۇمدەك سېلىپ ئۆزەڭنى،
ئۆتكەنلەرگەئاچ كۈچۈكتەك تىكىپ كۆزۈڭنى.
كېلىپ قالسا ئاتاڭ دېمەك بايۋەتچىدىن بىر،
لالما ئتتەك ئېرىشسەن ئۇنتۇپ ئۆزەڭنى.
يىرگىنىشلىق شۇ قىلقىڭدىن ئىزىلدى دىللا،
بىرتاياقتا ھەيدەلدى گۇناسىز قىزلا.
ئەتە سەنمۇ ئانا بولىسەن يول ئاچ ئۆزەڭگە،
ئۇنتۇپ قالما بۇ ئالەم بەش كۇنلۇك دۇنيا.
قىلغان گېپىم قاتتىق كەتسە كەچۈرگىن مېنى،
لېكىن يۈرەك قانداق چىدار ئويلىماي سېنى.
ئايال نامىغا چۈشسە چوڭ داغ جاھان تىتىرەر،
چۈنكى ئايال ئانا دىمەك ئەۋلاتنىڭ غېمى.
169 قېتىم كۆرۈلدى | ساۋۇت سەدەن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-11 16:04:06 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|