بەزىلە
شەمشادبەگ
مەن يۇقۇسام تەڭ يۇقايدۇ بەزىلە،
ئىزدىمىسەم ئىزدىمەيدۇ بەزىلە.
توغرا نىيەت كۈڭۈللەرنى چۈشەنمەي،
ئۈزىچىلا رەنجىپ يۈرەر بەزىلە.
ئۈزى شۇنداق بەلەن ئىسىل ئوڭلۇق قىز،
بىر كۆرسىڭىز ئاشىق بۇلۇپ قالارسىز.
كەينىدىنلا يۈرەر نۇرغۇن قەدەم ئىز،
ئۈزىچىلا رەنجىپ يۈرەر بەزىلە.
ئامراق بولسام نىمە بوپتۇ ئىسىلغۇ،
ئاشىق بولسام نىمە بوپتۇ شېرىنغۇ.
كۈيۈپ يۈرسەم كۆيدۈرگىنى ئۈزىغۇ،
ئۈزىچىلا رەنجىپ يۈرەر بەزىلە.
رەنجىمىگىن رەنجىشىڭنىڭ ئورنى يوق،
خۇشال يۈرسەك بۇلارسەنكى كۈڭۈل توق.
گىپىم ساڭا بولمىغاندۇ نەشتەر ئوق،
ئۈزىچىلا رەنجىپ يۈرەر بەزىلە.
سېغىنىمەن سىنى دوستۇم دەپ بىلگەچ،
سېغىنىمەن سىنى ئىسىل دەپ كۆيگەچ.
سېغىنىمەن خۇشال قىلسام دەپ يۈرگەچ،
ئۈزىچىلا رەنجىپ يۈرەر بەزىلە.
رەنجىمىگىن مەن مۇشۇنداق ئامالسىز،
يۈرەك سۈزۈم بەكمۇ ئەركىن قامالسىز.
پىكىرلىرىم پەرۋاز ئىتەر شامالسىز،
ئۈزىچىلا رەنجىمىسۇن بەزىلە.
ـــ شەمشادبەگ
2016-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى كېرىيە
179 قېتىم كۆرۈلدى | شەمشادبەگ | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-20 1:27:25 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|