كۆڭۈل

كۆڭۈل

 

www.yazghuqilar.com

 

نازۇكتۇر دۇنيادا ھەممىدىن كۆڭۈل،

 دۇنياغا شاھ قىلار سېنى شۇ كۆڭۈل.

 ياماننى -ياخشىنى بىلمىسە كۆڭۈل،

 گادايمۇ قىلىدۇ يەنە شۇ كۆڭۈل.

 

 مەندىمۇ-سەندىمۇ بولغاچقا كۆڭۈل،

 رەنجىتمەي دېسەكمۇ رەنجىتتى كۆڭۈل.

 گاھىدا ئىنسابنى يۇقاتقان كۆڭۈل،

 مىسكىن ۋە غېرىپتىن سەسكەنگەن كۈڭۈل.

 

 يېتىمنى-يوقسۇلنى خار قىلغان كۆڭۈل،

 ھۆرمەتتە تەبىقە ئايرىغان كۆڭۈل.

 ماڭمايلى دېسەكمۇ كەينىدىن كۆڭۈل،

 باردىغۇ شەيتاننىڭ قېشىغا كۆڭۈل.

 

 ئۇنۇتتى ۋىژداننى يەنە شۇ كۆڭۈل،

 ئەخلاقنى غۇرۇنى يوقاتما كۆڭۈل.

 زارلاتماي،يىغلاتماي ئۈتەيلى كۆڭۈل،

 كەينىدىن پۇشايمان قىلمايلى كۆڭۈل.

 

 كۆڭۈللەر-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل

مەمتىمىن تۇرسۇن 

 2015~7~2 يامغۇر





246 قېتىم كۆرۈلدى مەمتىمىن تۇرسۇن ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-2 16:32:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ