سىغىندىممەن بىلەمسەن دادا
ماھىنۇر قادىر(مىھرى)
بىر ئۆمۈر بالام داپ ياشىغان دادام ،
مەن ئۈچۈن ھەممىگە چىدىغان دادام .
دەيتىغۇ كۆزۈڭدە تامچە كۆرگۈم يوق ،
ئەمدى قىزىڭ كۆزى قان ياشقۇ دادام .
ياش تېخى ياشايدۇ دەپتىمەن دادام ،
چاشلىرىڭ ئاقارسا سەزمىدىم دادام .
شۇنداقلا كەتتىڭ سەن قالدىم ئىشەنمەي ،
جىگەر پارەڭ قان يىغلاپ قالدىغۇ دادام .
ھەر تۈنلىرى كۆزۈم ياش بىلەمسەن دادا.
سېنى شۇنداق سېغىندىم سېزەمسەن دادا ،
ئىللىق مىھرىڭ خۇش كۈلكەڭ كۆزۈمدە دادا.
چاقىرساممۇ مەن سىنى بۇ ئۇنۈم يەتمەيەتمەس ،
سۆزلىسەممۇ بو ئازاپنى ئىنسان چۈشەنمەس.
ھەر تىىقتا بىرلا سەن بىلەمسەن دادا.
مەن ئۈچۈن چەكتىڭ جاپا رازىمۇ سەن دادا ،
سەن ئۈچۈن دۇئادا بۇ قول يىغلايمەن دادا .
قانچە دىسەم بۇ سېغىنىش بېسىلماس دادا ،
چۈشۈمگە بوسىمۇ بىر رەت كىر ئۆتۈنەي دادا.
ماھىنۇر قادىر
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچ
119 قېتىم كۆرۈلدى | ماھىنۇر قادىر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-14 11:41:27 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-17 23:24:06 | تۇنساگۈل |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|