قار ياغدى سەن كەلمىدىڭ دادا
ئاپتۇرى؛ يۇلتۇز (ئەسلىمە)
ئاپپاق قارلار يېغىپتۇ يەنە،
شۇچاغلارنى ئىسىمگە سېلىپ .
دادام تۇرار يىراقتا ئەنە،
مىنىڭ ئۈچۈن كەڭ قۇچاق ئېچىپ.
ئۈستى بېشى قارغا كۆمۈلۈپ،
ئوخشاپ قاپتۇ قار بوۋايغىلا.
كۈن نۇرىدا كۈزى يۇمۇلۇپ،
شۇنچە تاتلىق ئاشۇ تۇيغىلار.
دادا دىدىم ئۈنلۈك ۋارقىراپ،
يۈگرەپ باردىم ئۇنىڭ ئالدىغا.
ئاپپاق قارمۇ تۇرار پارقىراپ،
گۈۋاھ بۇلۇپ ئاشۇ چاغلارغا.
دادام مىنى باغرىغا بېسىپ،
شۇنداق دىدى بىر چوڭقۇر تىنىپ.
جېنىم قوزام مەن قالسام كىتىپ،
خوشال ياشا بەختىڭنى تېپىپ .
ئەڭ ئاخىرقى سۈزۈڭ شۇ بولدى،
قۇيىۋەتتىڭ قۇلۇمنى سىلكىپ.
كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش تولدى،
غايىپ بولدۇڭ شۇنداق تىز مېڭىپ.
ئاشۇ كۈندىن باشلاپ جان دادا،
دادىسى يوق يىتىم بوپ قالدىم.
قىلغانلىرىم ھەممىسى خاتا،
بۇ ھاياتتا شۇنداق بەك تالدىم .
دادام بار دىگەن بالىلارغا ،
ھەۋەس بىلەن قاراپ كىتىمەن.
شۇ چاغ بېرىپ كەڭ دالىلارغا،
ئازابىمنى تۈكۈپ كىلىمەن.
قارلار ياغدى نەچچە نەچچە رەت،
سېغىنىپتۇ ئۇلار زىمىننى.
لېكىن قايتىپ كەلمىدىڭ پەقەت،
ئۇنتۇپ قاپسەن مەندەك قىزىڭنى.
قايسى ئىشنى قىلدىم مەن خاتا،
مىنى تاشلاپ كىتىپ قالغىدەك.
قايتىپ كەلگىن تىزراق جان دادا،
ھىدلىرىڭنى پۇراي قانغىدەك.
2016-يىلى1-ئاينىڭ27-كۈنى
72 قېتىم كۆرۈلدى | يۇلتۇز | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-3-5 0:21:09 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|