سەن مىنىڭ قەلبىمدە قۇياشىم ھامان (شېئىر) - ياسىنجان مەھمۇت

 سەن مېنىڭ قەلبىمدە قۇياشىم ھامان

(ياسىنجان مەھمۇت)


ياشلىقتا تۇتىشىپ ئ‍اشىقلىق ئ‍وتى،
كۈنلىرىم ئ‍ۆتمىدى تىنىچ بەخرامان.
ئ‍اي نۇرى كېچىدە تۈننى يۇرۇتسا،
سەن مېنىڭ قەلبىمدە قۇياشىم ھامان.

مەن سېنى سۆيمەيمەن دېسەڭ ناۋادا،
چىرايىم سارغىيىپ تۇرماسمەن ئ‍امان.
مەن سېنى ئ‍ۇنتالماي ئ‍ۆتسەممۇ مەڭگۈ،
سەن مېنىڭ قەلبىمدە قۇياشىم ھامان.

سەۋدالىق ئ‍ىچىدە ئ‍ۆتمەكتە كۈنۈم،
چىرايىم سارغىيىپ بولدىغۇ يامان.
سۆيمىسەڭ سۆيمىگىن مەڭگۈ تائابەت،
سەن مېنىڭ قەلبىمدە قۇياشىم ھامان.

ۋەسلىڭگە يېتەلمەي ئ‍ۆتسەممۇ مەڭگۈ،
زەررىچە يېمەيمەن،قىلچە پۇشايمان.
پەرۋاسىز قارىساڭ، سۆيمىسەڭمۇ ھەم
سەن مېنىڭ قەلبىمدە قۇياشىم ھامان.

ئۈندىدار نۇمۇرى:2506860824

ياسىنجان كۈسەنى
2013-6-14
           





49 قېتىم كۆرۈلدى yasinjan ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-11 8:24:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ