ئازاپ

ئازاپ


ئۇزاق تۈنلەردە چۆمدۇم خىيالغا،
ئىككىمىز ئايرىلغان شۇ كۈندۇن باشلاپ.
يالغۇزلۇق دەھشەتلىك قىينىغان چاغدا،
بەزىدە قالىمەن كۆزۇمنى ياشلاپ.

سەنمۇ مىنىڭدەك ئازاپ تاتقانسەن،
نىسىپ بولماي كۆرۇشۇش كۇندە.
كۆرەي دىسەڭ كۆرەلمەي شۇنچە،
ئۇيقۇسىز ياتقانسەن قاراڭغۇ تۈندە.

مەنىسىز ئۆتتى ھەر-بىر كۈنلۇرۇم،
ئازاپ دىڭىزدا يۇرگەن كۈنلەردە.
نىگارىم سىنىڭمۇ شۇنداق ئۆتتىمۇ،
قار بىسىپ ئويغۇنۇپ كەتكەن تۈنلەردە.

ئايدىن شولاڭنى كۆرگۈم كەلگەندە،
سەنمۇ ئايغا قاراپ قويغانمۇ؟؟؟
يۈرەك تارىنى چەككەن ئازاپقا،
يايرىم سەنمۇ مەندەك تويغانمۇ؟؟؟
     





696 قېتىم كۆرۈلدى xungkar ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-17 0:29:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ