ئاغرىنغان يۈرەك
تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)
شۇنچىلىك چوڭ بىلىپ كەلگەنتىم سىــنى،
ھۆرمىتىم چوڭقۇرتى بىلمـــىدىڭ بۇنــى.
ھىس قىلدىم ھەممىنى چۈشەندىم بۈگۈن،
قىلچىلىــك قىلمىدىڭ مىنىڭ يۈزۈمنـــى.
بوپتۇلا دەۋەتتىم ئىچـــــىمگە يۇتتــۇم،
ياش تۆكتۈم يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتتـــــۇم.
كۆزلۈرۈم يۈزۈمگە تۈكـــــۈردى بۈگـۈن،
كۆڭلۈمنى بەزلىدىم قەلبىمنى ئۇتتــــۇم.
سەن ئۈچۈن بەرىبىر بولدىمۇ كۆڭلــۈم،
كۆپۈككە ئايلىنىپ كەتتىمۇ سۆيگـــۈم.
تىيىنغا ئىلمىدىڭ ئاشىق كۆڭلــــۈمنى،
شۇنچىلىك ئاغرىدى سەندىن يۈرۈگـۈم.
ھۆرمىتىم ئىشەنچىم ئىدىڭ سەن جانىم،
ساڭىلا كۆيـــــەتتى يۈرىكىم باغرىــم.
بىپەرۋا يۈرىيسەن ھېچ بىر خەۋەرســـىز،
ياشلىرىــم تارىمدەك ئاقماقــتا يايرىم.
152 قېتىم كۆرۈلدى | تۇنساگۈل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-6-17 0:11:25 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|