ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم - ياسىنجان قادىر

 ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم

 

  ياسىنجان قادىر

 

ياق، ياق دەپ توۋلىۋەتتىم، پۈتۈن بەدىنىم چىلىق-چىلىق قارا تەرگە چۆمگەن، بەدىنىم  جانسىز تىترەۋاتقان ھالدا قورققۇنۇمدىن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم. يېقىندىن بۇيان دائىم  مۇشۇنداق غەلىتە، قورقۇنۇشلۇق چۈشلەرنى كۆرىدىغان بولۇپ قالدىم.بىر بولسا بىر-بىرىدىن قورقۇنۇشلۇق بەتبەشىرە مەخلۇقلار مېنى قوغلاپ چۈشەيمەن،يۈگۈرەيمەن، بار كۈچۈم بىلەن يۈگۈرەيمەن، بىراق ئۇلاردىن يىراقلىيالمايمەن،بارغانچە ھالسىزلىنىمەن،ئۇلار سۈرھەيۋىسى بىلەن ماڭا يوپۇرلاپ كەلدى...

يەنە بەزىدە مەن بىلىدىغان ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەر بىلەن بىللە قاراڭغۇ جايلاردا بىللە يۈرۈپ چۈشەيمەن.ھەرخىل،ھەرخىل چۈشلەر...

مۇشۇ غەلىتىلىكلەردىنمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەردىنمۇ ئىشقلىپ يېقىندىن بۇيان تۇلاراق <ئۆلۈم>ھەققىدە خىيال سۈرىدىغان بولۇپ قالدىم.ئۆلۈم؟!...

ئەگەر بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپ كەتسەم قانداق بولار؟مېنىڭ قېرىنداشلىرىم قانچىلىك ئازابلىنىپ كېتەر؟ ئاتا-ئانام قانداق بولۇپ كېتەر؟ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم مېنىڭ ساۋاقداش ،دوستلۇرۇمنىڭ كۆڭلى قانچىلىك يېرىم بولار،دۈشمەنلىرىم قانچىلىك شادلىنىپ كېتەر؟ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم نامىزىم قەيەردە ، قانداق چۈشۈرىلەر، نامىزىمغا كىملەر كېلەر؟ ناماز چۈشۈرگۈچى ئەتراپتىكى جامائەتتىن<ئۇ قانداق ئادەم ئىدى؟>دەپ سورىغاندا جامائەت نېمە دەپ جاۋاب بېرەر؟ ئەگەر مەن مانا مۇشۇنداق تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپ كەتسەم مېنىڭ تاۋۇتۇمنى كىملەر كۆتۈرەر؟ قەبرەم بېشىدا يەنە كىملەر چوڭقۇر ئازاب ۋە سۈكۈتتە ئاشۇ يەتتە كەتمەن توپىنىڭ تاشلانغاندىكى توزانسىغا قاراپ خىيال سۈرۈپ تۇرار؟ ئەگەر مەن مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كەتسەم  ياراتقۇچىمىزغا قانداق جاۋاب بېرەرمەن ؟ ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم ،بىلىپ بىلمەي كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويغان كىشىلەر يەنە مەندىن رازى بولارمۇ،مېنى كەچۈرەرمۇ؟ ئەگەر بىر كۈنى مەن تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپ كەتسەم مەن سۆيگەن ۋە مېنى سۆيگەن كىشىلەر مەن ئۈچۈن كۆزيېشى قىلارمۇ؟؟ مېنى ئەسلەرمۇ؟

ئەگەر مەن مانا مۇشۇنداق تۇيۇقسىزلا كېتىپ قالسام،مېنىڭ ياخشى گېپىمنى قىلىدىغان،مېنى سېغىنىدىغانلار چىقارمۇ؟ مېنىڭمۇ كۆڭلۈمنى ئاغرىتىپ، دىلىمغا ئازار بەرگەنلەر بۇ قىلغانلىرى ئۈچۈن پۇشايمان قىلارمۇ، ئۆز ۋاقتىدا مەندىن كەچۈرۈم سوراپ مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئېلىۋالمىغىنىغا ئىچى ئاچچىق بولارمۇ؟ ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم كىشىلەر مەن قىلغان قايسى ئىشلىرىم بىلەن مېنى ياد ئېتىشەر؟ ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم <ئۇ تېخى ياشلا بالا ئىدى،ئارزۇ-ئارمانلىرى،ئۆزىگە چۇشلۇق غايىسى بار ئىدى،ئۇسۆيگەن كىشىلەر بار ئىدى،ئۇ قىلشنى ئويلايدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار ئىدى>دەيدىغانلارمۇ چىقارمۇ؟ ياكى ،ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم جىنازا نامىزىم جىمجىتلا چۈشۈرۈلۈپ، ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنلا بارچە كىشىلەر مەندەك بىر ئادەمنىڭ ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالارمۇ؟ بىرەردە بىر كىشى مېنى تىلغا ئالسا باشقىلار <كىمۇ ئۇ، پەقەتلە ئەسلىيەلمىدۇق>دەپ قاراپ تۇرىشارمۇ؟ قەبرەمگە ئاي-ئايلاپ، ھەتتاكى يىللاپ بىرەر ئادەممۇ بارماي قويارمۇ؟ توغرا ،ئەگەر مەن مانا مۇشۇنداق تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپ كەتسەم ...

ياق،ياق!مېنىڭ بۇنداقلا ئۆلۈپ كەتكۈم يوق، مېنىڭ يەنە قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىم بار، مەن ياشىشىم كېرەك،مەن تېخى ياش،مەن تېخى نۇرغۇن كىشىگە جاۋاب قايتۇرمۇدۇم، مېنىڭ قەرزىم جىق، بۇ سىناقلىرى كۆپ ھاياتقا ئەرزىممۇ جىق.مەن تېخى سۈيۈش ۋە سۆيۈلىشلەرگە تولۇق ئېرىشكىنىم يوق. مەن تېخى باشقىلار مېنى ئەسلىگۈدەك بىرەر ئىش قىلغىنىممۇ يوق. شۇڭلاشقا مەن ياششىم كېرەك. مېنىڭ ئۆلگۈم يوق، مېنىڭ زادىلا ئۆلگۈم يوق. مەن يەنە ياششىم كېرەك، مېنى سۆيگەنلەر ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مەندىن كۈتكەن ئارزۇ-ئارمانلىرىنى رىئانلىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ،ئۇلارغا ياخشى جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن بولسىمۇ چوقۇم ياشىشىم كېرەك.ئۆزۈمنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى قىلىشىم كېرەك، نۇرغۇن كىشىلەرنى خۇش قىلىشىم، ئۇلارنى ھاياتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلاندۇرۇشىم كېرەك. باشقىلار مېنى ئەسلىگۈدەك كىچىك بولسىمۇ بىرەر ئىش قىلىشىم كېرەك.شۇڭلاشقا مېنىڭ ئۆلگۈم يوق،مانا مۇشۇ ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ چوقۇم،چوقۇم ياشىشىم كېرەك.

مەن تېخى ئەمدىلا ياشلىققا قەدەم قويغان ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن ،ياشلىقنىڭ گۈزەل پەيزىنى سۈرۈشىم، مۇھەببەتنىڭ تەمىنى تېتىشىم كېرەك. قىران چاغلىرىمدا ئۆزۈمنىڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچى ۋە يىڭىلمەس ئىرادەم،كۈچ-قۇۋىتىم بىلەن ئارزۇ-ئارمانلىرىمنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇم كېرەك. باھاردىكى ئويغۇنىشتىن،پەسىل قۇشلىرىنىڭ  سەپ تۈزۈپ ئۇچۇپ كېلىشىدىن،يازدىكى ئىسسىقتىن، كۈزدىكى شېرىن-شەربەتلەردىن، قىشتىكى ئاپپاق قاردىن يېقىنلىرىم ۋە ياكى دوست يارەنلىرىم بىلەن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىشىم كېرەك.مەن يەنە ئىلىم پەننى تىرىشىپ قېزىشىم، ۋە يەنە ئىلىم -پەن تەراققىياتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى سوۋغىلىرىدىن ھەمبەرلىنىشىم، ھەرخىل يېڭىلىقلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشىم كېرەك. قىسقىسى مېنىڭ بۇنداقلا ئۆلگۈم يوق، مەن ياشىشىم كېرەك. ياشىغاندىمۇ چوقۇم ئۆزۈمگە ۋە باشقىلارغا يۈز كېلەلۈگىدەك ياششىم كېرەك.

يەرشارى ئايلانماقتا،جاھاندا نۇرغۇن يېڭىلىقلار، جەمىيەتتىكى ھەرخىل-سەرخىل ئىشلار،ئاسماندا ئۇچىۋاتقان ئايرۇپىلان ۋە قۇشلار،دېڭىزدىكى بېللىق ۋەيەنە نۇرغۇن جانلىقلار،يەر يۈزىدىكى پويىز ۋە ماشىنىلار،ھەم يەنە بىر نېمىلەرگە ئالدىرىشىپ،ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىشىپ يۈرۈشكەن ئادەملەر،ئېگىز-ئېگىز بىنالار بىلەن قاپلانغان شەھەردىكى چىراقلار ۋە شاۋقۇن-سۈرەنلەر، يىراق يېزىدىكى جىمجىتلىق، ھاۋا تۇتۇلۇپ چاقماق سوققاندىن كېيىنكى يامغۇر،قىشتىكى ئاپپاق زىمىن، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ يېغىسى، ناماز بولغان ئۆيدىكى قايغۇلۇق يىغا-زار، مانا ھاياتلىق، مانا تۇرمۇش! مانا مۇشۇلار ئىچىدە تېنەپ تەمتىرەپ يۈرگەن سىز ۋە مەن. بىز ئىككىمىزلا ئۆلۈمدىن قورقىمىز. بىراق بىز ئۆزۈمىزنىڭ قاچان، قەيەردە،قانداق ئۆلۈدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمىز.مېنىڭ ئۆلگۈم يوق، مېنىڭ پەقەتلا ئۆلگۈم يوق. بىراق، بىراق بىر كۈنى مەن تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپ كەتسەم،ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەمچۇ؟؟؟ توغرا، ئەگەر ئاشۇ ئۆلۈپ كەتكۈچى سىز بولۇپ قالسىڭىزچۇ، ئەگەر سىز ئۆلۈپ كەتسىڭىزچۇ؟!...

 

     2016-يىل 6-ئاي





440 قېتىم كۆرۈلدى 1838207873 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-6-28 14:03:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-7-17 14:39:34 فىردون
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاپتور،مەن ئۇزئاۋاز سىتودىيەسىدىن بولىمەن. سىزنى بىۋاستە ئىزدەپ تاپالمىغاچقا بۇ ئەسىرىڭىزنى رۇخسىتىڭىزسىز ئاۋازلىق قىلىپ ئىشلىدۇق.شۇنداقلا سالونىمىزدا تارقىتىلىدۇ سالون نومىرىمىز:uzawazcn ئەگەر خالىسىڭىز داۋاملىق تارقىتىشىمىزغا رۇخسەت قىلسىڭىز. ئەگەردە خالىمىسىڭىز ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇپ مۇلازىملار بىلەن ئالاقىلىشىڭ بىراق ئۆچۈرىمىز.
2016-7-17 14:39:29 فىردون
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاپتور،مەن ئۇزئاۋاز سىتودىيەسىدىن بولىمەن. سىزنى بىۋاستە ئىزدەپ تاپالمىغاچقا بۇ ئەسىرىڭىزنى رۇخسىتىڭىزسىز ئاۋازلىق قىلىپ ئىشلىدۇق.شۇنداقلا سالونىمىزدا تارقىتىلىدۇ سالون نومىرىمىز:uzawazcn ئەگەر خالىسىڭىز داۋاملىق تارقىتىشىمىزغا رۇخسەت قىلسىڭىز. ئەگەردە خالىمىسىڭىز ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇپ مۇلازىملار بىلەن ئالاقىلىشىڭ بىراق ئۆچۈرىمىز.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ