كەچۈر ئاتا
ئابدۇخېلىل
يۆلەك بولدۇڭ بىزلەرگە ئاتا،
ئۇچ يىگىتنى قوشتۇڭ قاتارغا.
ئوغۇللىرىڭ چوڭ بولدى ئۇچتى،
ياندا بىز يوق تاياندىڭ ھاسا.
كىرىپ قالدىڭ ئەللىك نەچچىگە،
كىتىپ قالدى قىراندەك پەسلىڭ.
بالا بىقىپ كۆرمەي ھالاۋەت،
يوقىدى شۇ تاغدەكلا بەستىڭ.
سەن ئىدىڭغغۇ بىزنى ئۇچۇرغان،
سەن بولغاچقا بىز قانات قاققان.
كىيىن ماڭا قانات بولار دەپ ،
چوڭ ئۈمىدتتە بىزلەرنى باققان.
سەن ئۇچمدىڭ بىزلەرلا ئۇچتۇق،
ئاررزۇ قىلغان كۆكلەرگە يەتتۇق.
ئۇچۇرمىدۇق سىنى بىز بىرگە،
ئالدىڭدا بىز تۇزكور بوپكەتتۇق.
كەچۈر ئاتا تاپتۇق ئەقىلىنى ،
ئاغرىتمايمىز قايتا دىلىڭىنى .
سىنىڭ ئۇچۇن پىدادۇر جىنىم ،
نۆۋەت كەلگەن ئاشۇ بىر كۈنى .
2016-3-26
206 قېتىم كۆرۈلدى | abdu1012 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-5-5 1:19:28 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-5-27 8:28:01 | يۇمۇرچى |
باشقۇرغۇچى ياخشىمۇسىز !! تورغا يوللانغان ئەسەرلەرنى ۋاقتىدا تەستىقلاپ تورغان بولسىڭىز ، "شېئىر" دەپ يوللانغان ئەسەرلەرگە تەلەپنى سەل قاتتىقراق قويغان بولسىڭىز، بۇ قېتىم يوللانغان شېئىرلارنىڭ بىرىمۇ "شېئىر" ئۆلچىمىگە لايىق بولماپتۇ..... |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|