(ئاكا-ئۇكا مۇسابايىبلارنىڭ توققۇز تۆھبىسى) 2016-يىلغا بىغىشلايمەن
 ئەجداتلار رويىغا
 
«پۇلنىڭ خوجىسى بولماي، بىلىمنىڭ خوجىسى بولۇڭلار!»
ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم
  1
پۇل خوجىسى بولماي بىلىم خوجىسى بول دىگەن ئىكەن ئاتا،
ھەممە ھېكمەتلەر باركىن شۇڭلاشقا ئىلىم-ئىرپان باغچىسىدا.

ئىجتىھات قىلغان شۇڭا ئۇلار ۋارىسلىق قىلىپ ئاتا سۆزگە،
ئاتلاندى شۇڭا مەرىپەت چىراغىدا قوش ئۈنۈملىك يولغا.

ۋەتەن،مىللەت ئۈچۈن شۇنداق چىقاردى ئۇلار چەتئەلگە ئەۋلات،
قەلىبلەرنى ئاقارتىشقا،ئۈگەنمەككە ئاتلاندى شۇڭلاشقا.
  2 
«جەجىتچە»ئۈگۈنۈشكە ئەۋلاتقا يېڭى مائارىپقا يول ئاشتى،
كەسپى مائارىپقا يۈزلىنىپ،چىقتى يەنە كۆپ تەخنىك ھەشقاللا.
 3
تۆھپە يارتىپ ئەۋلاتقا قۇرۇپ چىقتى يەنە ھەم دارىن مۈئەلىمىن،
مەرىپەت چىراغىنى ياقتى ئۇلار تۈنجى ۋەتەن قوينىدا.

كۆپ مۇشەققەت-جاپادا ئەككەلدى يەنە ۋەتەنگە سانائەت،
ئىشلىمەككە كۆن-خۇرۇم،يۆتكىدى ئىستانۇكنى ھارۋىدا.
 4
خۇشاللىقتىن خەلقىمىز تەبرىكلەشتى ئۇلاردىن ماختىنىپ،
كەلدى يەنە ئىلىكتىر،كنو،تىلىفۇن، شۇ جاپالىق زاماندا.

قالدى ھەيرەتتە خەلقىم،ساۋاتسىزلىقتا قالغان شۇ زاماندا،
يايراپ كەتتى شۇنداق قەلىبلەر خۇشاللىقىدا ھەر-ماكاندا.

تەرەققىياتنىڭ كۈچى ئۇ، تۇنۇپ يەتتى خەلقىم سانائەتنى،
مۇسابايىبلار تۆھبىسى ئۇ،ئەسلەيمىز-بىز شۇ ھەر-زاماندا.
  5
ھەممىدە ئويلاشتى مۇسابايىبلار ھەر-تەرەپلىمەھەم شۇنداق، 
مەدىنىيەتتىن سۆز ئىچىپ يەنە ساغلاملىقنى كۆزلەپ ئۇلا.

مەدىنىيەتنىڭ بىر تۈرى پۇتبول،ساغلاملىقنىڭ ئاساسىنى،
تۇنۇتتى ئۇنى خەلقىگە مۇسابايىبلار بىرلىكتە شۇندا.
6
مىللى مارىپ ئۇلىغا سالدى شۇنداق كۈچ بىرىپ ئاساسلارنى،
مۇسابايىبلار روھىنى قالدۇردى بىزگە بۇ ئەۋلاتلىغا.
  7-8
ئەستىن چىقارماي ئۇلار يەنە شۇ دېھقان بىلەن چارۋىنى،
نەسىللەندۈرۈپ ئالدى چەتئەلدىن كۆپ چارۋىلارنى ھەم شۇندا.

ئۇنۇتمىدى شۇنداق مۇسابايىپلار ئۆز خەلقىنىڭ غېمىنى،
ھەر-تەرەپلىمە ئويلاپ شۇ ھەممە تەرەققىياتنىڭ يولىدا.

ماڭدى شۇنداق ۋەتەن پەرۋەرلىك يولىدا ئۇلار توختىماستىن،
گۈللەندۈرسەك دەپ بۇ ۋەتەننى شۇنداق بارچە ئەللەر ئالدىدا. 
  9
كۆتەردى شۇنداق مۇسابايىبلار روھىنى شۇ يۈكسەكلىككە،
ئەۋلاتقا قالدۇرۇشقا پۈكتى ئۇنى كۆڭلىگە ئۇلار شۇندا.

ئۇنۇتمايمىز ئەۋلاتلار، ئەجدات روھىنى ھەر-قاچان مۇندا،
ئۇلار ئىزدىن بىسىپ ماڭىمىز شۇنداق يېڭى زامان روھىدا.
ــــ شىپائى
 




420 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-30 13:20:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ