ئېشۋالما ئېشىپ قالىسەن
يۈسۈپجان سايرامى ( زىنھار )
ھاياتتا بار بىلسەڭ بىر نۇقتا ،
كەلسە ماڭالماي توختاپ قالىسەن .
قىسمەتلىرى كۆپتۇر ھاياتنىڭ ،
كۈلۈپ تۇرۇپ يىغلاپ قالىسەن .
ئەكلىپ قويسا ھايات بىر چۆلگە ،
پۇلۇڭ تۇرۇپ ئاچمۇ قالىسەن .
بىر تامچە سۇغا زار-زار بولۇپ ،
جان قىيلىنىپ ھالدىن قالىسەن .
كۈرۈشمەيمەن دىگەن كىشلەرگە ،
تىزلىنىپمۇ يالۋۇرۇپ قالىسەن .
ھەتتا كۆزگە ئىلمىغان بىرنىڭ ،
سىزىقدىنمۇ چىقالماي قالىسەن.
سۆيگەنلىرىڭگە نەپرەتتە قاراپ ،
دۈشمەنگە سالام قىلىپ قالىسەن.
بىزار بولغان بىراۋغا ھەتتا ،
مەستخۇش بولۇپ ئايلىنىپ قالىسەن.
چۆگلەيدۇ تەقدىر چاقپىلىكى ،
بىزارغا ئىنتىزار بولۇپ قالىسەن .
بۈگۈن ماڭغان بولساڭ ماشىندا ،
ئەتە پىيادە قېلىپ قالىسەن .
چوڭ سۆزلىمە ھەركىمگە ھەتتا ،
سۆزلىيەلمەي تىلسىز قالىسەن .
كۆرەڭلەپ كەتمە ئامەتلىرىڭدىن ،
خازان بولۇپ يالغۇز قالىسەن .
ھايات شۇنداق ئۆتنە جاھان ،
يىغلاتساڭ گەر يىغلاپ قالىسەن .
گۈل بولساڭمۇ ئېچىلالماي ھەتتا ،
بەتخۇش پۇراپ قۇرۇپ قالىسەن.
مېھىر بىرىپ ھۆرمەت قىلغاننى ،
قەدىرلىمسەڭ قەدىرسىز قالسەن .
سۆزۈم ساڭا ئاددىيلا ئاڭلا ،
ئېشىۋالما ئېشىپ قالىسەن .
2016-يىل 12-ئاينىڭ 22-كۈنى
##ئاپتۇر ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ ##
| 331 قېتىم كۆرۈلدى | zinhar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-22 23:07:03 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|