قەدىرسىز سۆيگۈ (شېئىر) - مېھىرنىسا قۇربان

قەدىرسىز سۆيگۈ

مېھىرنىسا قۇربان

بىلگەن بولساڭ ئاشىق يۈرەكنى،
قىلماس ئىدىڭ دەرتكە مۇپتىلا.
چۈشەنمەپسەن تېخى سۆيگۈنى،
شۇڭا دىدىم مەنمۇ بوپتۇلا.

بېرەلمىدىڭ ماڭا چىن سۆيگۈ،
مەڭگۈلۈككە يېنىڭدىن كەتتىم.
ئۆز-ئۆزۈمگە بېرىپ تەسەللىي،
نازۇك كۆڭۈل ئىشكىمنى ئەتتىم.

ئۈزۈلەركەن سۆيگۈ رىشتىسى،
ساداقەتتىن  ئۇلى بولمىسا.
مۇھەببەتنىڭ شېرىن بېغىدىن،
ۋىجدان تەرى ئېقىپ تۇرمىسا.

مۇھەببەتنى خارلىدىڭ بۈگۈن،
چىن سۆيگۈگە زار بوپ ئۆتەرسەن.
سەنمۇ مەندەك ئازار يېگەندە،
ئاچچىق ئەلەم پىغان يۈتەرسەن.

قەدىرلىنەر قەدىرسىز سۆيگۈ،
بىلىپ قالغىن بۇ بىر ھەقىقەت.
ئۈمىدلىرىم ئۈزۈلدى سەندىن،
ئۇنتاي سېنى مەڭگۈگە ئەبەد.

2017-2-8 غۇلجا شەھىرى
     





29 قېتىم كۆرۈلدى 2550325358 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-8 22:34:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ