ئاتا-ئانام ئامان بولسۇن
گۈلى نىياز
بەڭۋاشلىقتا خاپا قىلساممۇ،
ئۆيدە يىتىپ جاپا سالساممۇ،
ئويۇننى دەپ يالغۇز قويساممۇ،
كۈتكەن يېرىدىن چىقالمىساممۇ،
ۋايسىمىغان ئاتا-ئانام ئامان بولسۇن.
بالام دەپلا يۈرىكى پارە،
كەلگۈسۈمگە بولۇپ سەكپارە،
مىنىڭ ئۈچۈن بولۇپ دىۋانە،
شۇنداقتىمۇ يىمەيدۇ ۋايە،
ئېسىللىرىم ئاتا-ئانام ئامان بولسۇن.
يىراقلارغا كەتسەممۇ تاشلاپ،
ئۇچۇرۇمنى بەرمىسەم ئايلاپ،
ئىزدەپ كەلسە كەتسەممۇ قايناپ،ئەپۇ سورار يەنە ئاۋايلاپ،
ئېسىللىرىم ئاتا-ئانام ئامان بولسۇن.
بەختىمنى دەپ ھەر كۈنى قىلاركەن دۇئا،
مەن يۈرەرمەن بىلمەي ئۇنى ئېيتىپ ”ئاي گۇۋاھ "
سىغىنىپ مىنى كۆرگىلى كەلسە ئايدا يىللاردا،
مەن دەپتىمەن "ۋاي نىمانداق ئىشىڭلار تولا"
شۇ مىھرىبان ئاتا ئانام ئامان بولسۇن.
ئانا بولۇپ قالغىنىمدا ئاندىن چۈشەندىم،
پەرزەنت دىگەن بەك تالىقكەن ھىس قىلىپ يەتتىم،
دىلى سۇنسا قانداق بولىدۇ بۇنى مەن بىلدىم،
دادا ئاپا سورىۋالاي كەچۈرۈم سىلەردىن،
ئېسىللىرىم ئاتا ئانام ئامان بولسۇن.
2016-12-25
قارماي
227 قېتىم كۆرۈلدى | گۈلى نىياز | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-25 20:47:38 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-1-2 22:56:24 | توختوغۇجى |
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ |
2017-1-2 17:46:31 | پەرھات |
ياخشى مەزىمۇنىكەن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|