ئۈجمە پىشتى

         
ئۈجمە پىشتى

رۇشەنگۇل مۇھەممەد (مودەن)

سەھەر  كەپتۇ قۇشقاچلار ئۈجمە پىشتى دەپ،
يوشۇرۇپتۇ يوپۇرماق قىزغىنىپتۇ زەپ.
تاڭ سەھەرنىڭ جۇلاسى جاھاننى يالاپ،
مەندىن بۇرۇن ئۈجمىنى يىگىنىنى خەپ.

شاماللارمۇ ئۈجمىگە قىلىدۇ چاقچاق ،
شاخلىرىدىن ئىتەككە تاشلايدۇ شۇنداق.
شېرىن پىشقان ئۈجمىدىن كەلدى بىر خىيال،
ئوخشاتتىممەن ئانامنىڭ سۈتىدەك ئاپپاق.


سەنمۇ كەلگىن بەرىكەت ئۈجمىلەر دىگەن،
سوراپ باققىن بوۋاڭمۇ دورا دەپ يىگەن.
چۇقۇرىشىپ شاخلاردا يىمىدىم دىمە،
نوتىلارنى سۇندۇرۇپ تاياقمۇ يىگەن.


تەھرىر:مۇھەممەدتوختى سەببەت

مۇھەررىر:ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
     





453 قېتىم كۆرۈلدى modan ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-28 12:03:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ