تۈگەي چۆچۈرە (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

تۈگەي چۆچۈرە
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

بېدە كۆكى چىقىپتۇ دەپ،شۇنچە سەھەر،
تېرىپ كەپتۇ ئانام ئېتەگىدە،ھارماي،
ئېتىپتۇ كۆك چۆچۈرىسى،تاتلىق قىلىپ،
كۈلۈپ قويۇپ ئانامغا،يىدىم قالدۇرماي.

يەنە تۈگۈپ چۆچۈرە ئېرىنمەي ئانام،
پۇشۇرۇپ سۇندى چۆچۈرە ئىللىققىنە،
رەھمەت دىدىم،راھەتتە ھەممىنى يىدىم،
بىلمىدىم،بارمىدۇ يەنە كۆك چۆچۈرە.

قورسقىم توقتۇر،راھەتتە ئۇخلىدىم تاتلىق،
ئۇيقۇم تەڭكەش بولدى،نان چايناشلىرى،
شۇئان كۆردۈم،ئانام قولىدا كۆرۈپ نان،
قىلدىم نۇمۇس،يەنە ئىللىق قاراشلىرى.

كەچۈر ئانا،دادام يىۋېلىڭ دىيەردى،
مەن ئەمەس،ئەسلى ئىكەنغۇ ئانام غېرىپ،
دادام كېتىپ،بوپتۇ ئانام مىسكىن ئەمدى،
بىزگە تاماق ئېىپ،ئۆزى چايلار ئىچىپ.

گۈلدەك تۈگۈپ چۆچۈرە،يېمەپسەن بىرنى،
دائىم شۇنداق بولغانمۇ،بىلمەپتۇق ئانا،
كەچۈرگىن ئانا مېنى،چۆچۈرەڭ قېنى،
تۈگەي چۆچۈرە،يېگىن،يەنە يەڭ ئانا.
     





70 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-15 19:19:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ