ئەي نىگار!
                                 ئەي نىگار                           
                                 
ئابدۇردشىت ئابدۇكېرەم

ئەي نىگار! راھىتى ئىشرەتتە سەن،رەنجى- كۈلپەت ئۈستىدە،
يولدىن ئازدىڭ،ئۆتتى ئۆزىڭدىن،بۇ ئىشىڭ غۇربەت ئۈستىدە.
ئەقلى بار ھۇشار كىشى قىلماس مۇندا ناقەس ئىشلىنى ھەم،
ئۆزىڭنى ياتقا سېتىپ نەپسىڭنى رەسۋا ئەيلىدىڭ يۈندىدە.

كۈتمىگەنتىم سەندىن ئۈزى ئەسلىدىن زاتىڭ ئىنسان ئىدى،
بىر كۆرۈپ ھەيرەتتە قالدىم بولدى بىزار ئەقلىم ئۆزى.
ئوڭشۇلۇپ ئەقلىڭنى تاپساڭ بۇ ماڭا ئامەت دىگەيسەن ھەم،
زىبالىقىڭ نازۈك ئىدى،قالمىدى ھىچ سەندە ئۈمۈت ئۈزى.

جانۇ-كۆكسىڭنى ئەسىر ئەيلەپ جامالىڭ بىر پاسات بولدى،
نامۇ-نىشانىڭ كوچا-كوي،ئىخپالىڭ شۇ بازار بولدى.
ئىشرەت ئەيلەپ ساتساڭ ئۆزىڭنى ئاقىۋىتىڭ مازار بولدى،
ھەق ئۆزى بەرسۇن ساڭا ئىنساپ،دىيانىتىڭ بىكار بولدى.

ساقلىساڭ بولماسمىدى شۇ،نازۈكلىقىڭنى مەڭگۈ ئامان ،
پەرۋىش قىلىپ خىرىدارىڭ ئىززەتلىسە ھەم بولماسمىدى.
ھۆسۈن قوشۇپ زىبالىقىڭغا ئولاشتۇرساڭ بولماسمىدى،
رەخمەت ئېيتىپ ئەجداتلىرىڭ خوش ئەيلىسە بولماسمىدى...

2015-يىلى 5-ئۆكتەبىر




137 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-5 23:58:35  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ