ئازاپلىرىڭ قىينايدۇ مىنى

سەنسىز كۈنلەر

 

 ئاپتۇر:خېلىل جىبران(پەيزىۋات)

 

 ئازاپلىرىڭ قىينايدۇ مىنى ،

 بۇ ئازاپنى سەن سالمىساڭمۇ،

 قىيناپ مىنى جېنىم ئامىغىن،

 ئالار ئېگەم سەن ئالمىساڭمۇ.

 

 ساڭا بولغان بۇ ئاق كۆڭلۈمنى،

 خاتا چۈشىنىپ قارا چاچمىغىن،

دەريا بولۇپ بارسا كۆز يېشىم،

 سەن قۇرىقمىغىن ھەرگىز قاچمىغىن.

 

 ئۇچۇپ ئۆتەر كىملەرگە ۋاقىت،

 ئۆتەر نىچۈن مىنىڭكى تەستە،

 سۇئالىمغا جاۋاپ يوق ئەسلا،

 ئوي خىيالىم بولغاچقا سەندە.

 

 كىچىللىرى ئۇيقۇدىن بىدار ،

 چۈنكى ئۇيقۇ مىنىڭدىن بىزار،

 تولۇن ئايغا دەردىمنى ئېيىسام ،

 تەسەللىنى يۇلتۇزلار تىزار.

 

 دەرتلىرىمگە دەرمانىم ئىدىڭ،

 لىكىن مىنى ياخشى كۆرمىدىڭ،

 كۇكۇن بولار يۈرگىم ئاستا،

 چۈنكى ئوتۇڭنى سەن ئۆچۈرمىدىڭ .





124 قېتىم كۆرۈلدى helil1 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-13 0:12:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ