قايتىش - -مسىران

قايتىش

-مسىران

كىتەيلا!
قايتىپ ئۆزۈمگە
سەن بولماق يەتمىدى لېيىم
بولالمىدىم سەن
بولالمىدىم مەن
ئەجەپ كاجكەن بىلسەم تەلىيىم.
ھېسلىرىمنىڭ گۈزەللىكىدە-
جان تالىشىپ ياتار ئۆمۈىدىم.

قايتىپ كېتەي
مەن بار تۈنلەرگە
يۇلتۇزلاردۇر بەلكىم ھۆرمىتىم
بەخىت ئىزلەپ بولدۇم رەھىمسىز
سۆيگۈسىزلىك چەكسىز ھۆرلۈكۈم!
توپىلىق يول، زومچەك زومچەك قار
دالالاردا يالىڭاچ يۇلغۇن
كۈتۈۋاتقاندۇر مېنى، مەن ئۆيدە
تاملاردىكى رەسىمدە سۇلغۇن…

مۇھەببەت قەبرىگە بولغاندا كىرىپ،
ۋە بەلكىم چېچەكلەر ھېسلىرىڭ جىم-جىم.
سەن بەختنىڭ بىر يۇتۇم چېيى،
بول بەختلىك ئاقمىسۇن يېشىڭ.

خەيرى…
ئۆزۈم ئاچقان يولدىن-
مىسكىنلىككە پېتىپ قايتتىم
سۆيگۈسىنى قۇش چوقۇلىغان-
ئارمانلاردا يېنىپ قايتتىم
ئېسەنكىرەش،چۆچۈش ھالىدا
قىزىللىققا تولغان كۈزۈمدە-
قىيالماي ئارقامغا بېقىپ قايتتىم
تەلمۈرۈپ كۆزۈڭگە مۇھەببەت سوراپ
بورانلىق توزاندەك توزۇپ قايتتىم
قاقاسلىقتەك قۇرۇپ چاڭقىغان-
پىنھانىمغا ئۈنسىز قايىتتىم…

تۇنجى قېتىم ئۇچقان سۆيگۈنىڭ-
سۇنۇقى بولۇپ قانىتىدە…
                             … قايىتتىم!

16-يىلى3-ئاينىڭ 28-كۈنى

     





63 قېتىم كۆرۈلدى missran ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-2 1:07:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ