ساقلاشمۇ بىر بەخىت
جۇشقۇن ھۇشۇر
ۋەدە بېرىپ ئىككى كۆزۈمگە،
يىغلىمايمەن دېگەنىدىمغۇ.
نىم قىلدىم دەتكە قالغۇدەك،
سېنى دىلدىن سۆيگەنىدىمغۇ.
ئېچىشىدۇ يۈرەك توختىماي،
ساڭا قىلغان ھەربىر سۆزۈمدە.
سەن ساراڭغا كۆڭۈل بەرگەنكى،
ھەممە گۇناھ پەقەت ئۆزۈمدە.
لېكىن ئامال يۇق بۇلدى مەندە،
باسالمىدىم ياخشى كۆرۈشنى.
بەخىت تىلەپ كېتەي دېسەممۇ،
قىلالمىدىم سەنسىز ئۆتۈشنى.
نە قىلارمەن تېڭقىراپ قالدىم،
سېنى مەڭگۈ سۆيگۈنۈم ئۈچۈن.
پىراقىڭدا كۆيدۈرۈپ مېنى،
ئازاپلاپ قىينايسەن نېچۈن.
بوپتۇ خەيىر! ئىشىنەي ساڭا،
ساقلاي سېنى يەنە تەلمۈرۈپ.
ساقلاي مەڭگۈ بىر پەقەت سېنى،
ساقلاشنى بەخىت دەپ بىلىپ .
2016.3.7k
76 قېتىم كۆرۈلدى | james10 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-3-7 0:43:50 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|