تۇپىدا قەرت ئويناش
ئاسماننىڭ لەنىتى ياغدىمىكىن
زىمىننىڭ كىرلىرى يا ئاسمانغا ئۇچتىمۇ
ياكى ئىۋۇ بىر ھەييار دىگەندەك
((ئاي شارىدا كىگىز قاقتىمۇ))
ئىشقىلىپ تۇپا
ئاسمانمۇ
ئادەممۇ
زىمىنمۇ
بۇتۇپىدا
ئېغىزىغا چۈمبەل تارتىپ ماڭغانلار تۇلا
بۇتۇپىدا ئۆيىدە جىم ياتقانلار تۇلا
تىرىكچىلىك غېمى ئۈچۈن تۇپا يەۋاتقانلار تۇلا
تۇپىغا ئايلىنىش ئۈچۈن تۇپا يەۋاتقانلار تۇلا.
ئۇپىلار تۇلا
سۇپىلار تولا
تۇپىلار تۇلا....
كەڭرى مەيداندا قىستىلىپ
تۆت كىشىنىڭ كاللىسىغا
ئولىشىۋاپتۇئون تۆت كىشى
ئۇيەر بۇيەرلەردە
غۇژمەك -غۇژمەك
ئۇيەر بۇيەرگە چىچىپ قويغان پوقتەك،
بۇ دۇنيادىن ھىچ غېمى يوق،
ئۇدۇنيادىن ھىچ غېمى يوق،
ئىسىت،كىشىلەر
ھىچنىمىدىن زارى يوق،
ھىچنىم بىلەن كارى يوق،
بىر دۈۋە سېغىزرەڭ كىشىلەر.
ئۆتمەكتىدۇر تۇپا يەپ
ۋە بەلكىم تۇپا ئۇلارنى يەپ
بىر-بىرىنى يەپ...
شۇ كىشىلەر
زامان-زامانلار ئىلگىرى
تۇپاكەنمىش ئەسلى بۇ ئادەم
ئادەم پۈتۈپ قۇۋۇرغىسىدىن
يارالغانكەن جۈپ بوپ ئايال ھەم
ئۈتۈپتۇ ئۈتۈپتۇ
سانسىز يىللار ئۈتۈپتۇ
تۇپا ئادەم قىسسىسى
ئەستىن چىقىپ كىتىپتۇ.
بەلكىم يېغىۋاتقىنى
قىسسەدۇ
ئادەمدۇ
تۇپىدۇ
ياشتۇ
ئې. خەنجەرى
25 قېتىم كۆرۈلدى |
margimux |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2016-8-1 8:02:30 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ