8-مارت
ھېلىم سەلەي
چۈشتى ئۇغۇل قېرى ياش ،
ئۇسسۇل ئويناپ ساماغا.
ئەۋجىلەرگە چىقتى ئۇ،
يۈرەككە ئوت سالاغا.
زوقلانماقتا ئەر-ئايال،
نەغمە ناۋا نومۇردىن.
ئۇرۇن ئالدى كۈي نۇمۇر ،
ئوتلۇق يۈرەك تومۇردىن .
ھۆسنىگە ھۆسىن قوشقان ،
زىبۇ زىننەت مارجانلار .
خۇشال خۇرام ئوينىدۇق،
يايراپ كەتتى بۇ جانلار .
ياشلار چۈشسە مەيدانغا ،
قاپلار چاۋاك ھەر ياننى.
كۈيگە ھەمدەم مۇزىكا ،
تۇلۇقلىدى دەرماننى.
مەدھىلەنسە ئاياللار ،
شىئىر قوشاق نەزمىدە.
كۆككە يەتتى كۈيلىرى،
ئۇسۇل بىلەن بەزمىدە.
ھەيران بولدى خالايىق،
بىكار قالار سەنئەتچى.
يۈلەك بولغان پارتىيگە،
خەلقىم رەھمەت دىمەكچى .
تۇلۇپ كەتتى مەيدانلار،
بايرام بىلەن خوشلۇققا.
كۆرۈرمەنلەر كۆپ بولغاچ،
يانالمىدۇق بوشلۇققا .
تەقدىرلەنسە ئىلغارلار،
خەلقىم ئۇردى چاۋاكنى .
تۇلۇقلىدى پارتىيەم،
خەلقىم يۈرەك كاۋاكنى .
| 77 قېتىم كۆرۈلدى | rabiya | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-10 5:04:08 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|