ئەركەك يېغلاۋاتىدۇ
ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن
گېلىغا تاپتى-يۇ ئۇچىسىغا يەتمىدى،
بالىسغا تاپتى-يۇ كالىسغا يەتمىدى.
جانانىنى بىرەر رەت خوشال ئەتمىدى،
ئەركەك يېغلاۋاتىدۇ ئاڭلا ئەل-جاھان.
تىك قەددى تۇرمۇشتىن ئىگىلدى يادەك،
تىرىكچىلىك چاچلارنى ئاقارتتى قاردەك.
دۇنيا قاراڭغۇ كوچىلار بىلىندى تاردەك ،
ئەركەك يېغلاۋاتىدۇ ئاڭلا ئەل-جاھان.
قىزىدىن ھايا كەتتى ئەخلاقتىن يىراق،
ئوغۇلىدىن ۋاپا كەتتى كەيىپتىن ئىڭراق.
خۇنۈك ئېتىقاد زىناغا قوزغار ئىشتىياق،
ئەركەك يېغلاۋاتىدۇ ئاڭلا ئەل-جاھان.
كەچكۈز كېلىپ غۇنچىسى ئۈزۈلدى بالدۇر،
نامەرتنڭ قىلغنى بولدى باغرىنى قاندۇر.
ئاسىيلىق كېلىپ ياندىن ئىتترسە ھاڭدۇر،
ئەركەك يېغلاۋاتىدۇ ئاڭلا ئەل-جاھان.
ئەركەك نىداسى بۇلىدۇ ئەلنىڭ نىداسى،
ئەل ئۈچۈن ئەركەكلەر جان-تەن پىداسى.
ئەركەك مەڭگۈ ئەلنىڭ خۇمار-شەيداسى،
ئەركەك يېغلاۋاتىدۇ ئاڭلا ئەل-جاھان.
2016.12.19
| 94 قېتىم كۆرۈلدى | abdu4745 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-19 19:22:05 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|