سىزنى سېغىندىم

سىزنى سېغىندىم

 

ئاتىكەم ئەيسا

 

مەن سىزگە بەك ئامراق ئىدىم ،قانچىلىك ئامراقلىغىمنى بىلمەيسىز، بىلگەن بولسىڭىز بەلكىم قەلبىمدە مەڭگۈلۇك ئازاپلارنى قالدۇرۇپ مىنى تاشلاپ كەتمەس ئىدىڭىز.بىلەمسىز ؟بىركۈن ئۇندىدارىمنى ئاچماي كەچ بولغاندا ئاچقىنىمدا خىزمەتداشلار تۇپىغا،ساۋاقداشلار تۇپىغايوللانغان ئۇچۇرلارۋەياكى دوسلىرىمنىڭ سالام يوللاپ، ئەھۋال سۇراپ يوللىغان نۇرغۇن ئۇچۇرلىرى ئارىسدىن سىزنىڭ ئۇچۇلىرىڭىز بولسىكەن دەپ تەلمۇرۇپ قارايمەن ، سىزنىڭ ئۇچۇر يوللىيالمايدىغىنىڭىزنى بىلىپ تۇرساممۇ.كۇچا ئايلىنىپ يۇرۇپ كۆز ئالدىمدىكى ئەشۇ كىشىلەر تۇپىغا سىزنى كۆرۇپ قالارمەنمۇ دەپ قارايمەن،سىزنى كۆرۇشنىڭ مەڭگۇ نىسىپ بولمايدىغىننى بىلىپ تۇرساممۇ.سىزنى سىغىنىمەن ،سىزدىن نۇرغۇن سۇئاللارنى ئۇنسىز سۇرايمەن ،سۇئاللىرىمنىڭ مەڭگۈ جاۋاپسىز ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرساممۇ.بار ئاۋازىمنى قۇيۇپ بىرىپ سىزنى سىغىندىم !سىزنى بەك بەك سېغىندىم !!دەپ ۋاقىرىغۇم كىلىدۇ ،مىنىڭ ئاۋازىمنى مەڭگۈ ئاڭلىيالمايدىغىنىڭىزنى بىلىپ تۇرساممۇ.كۈچۈمنىڭ بارىچە يۈگۈرەپ يىنىڭىزغا بارسام ،ئىللىق باغرىڭىزغا باش قۇيۇپ قېنىپ بىر ئۇخلىۋالسام دەيمەن،ئارلىقىمىزنىڭ قانچىلىك يىراقلىغىنى بىلىپ تۇرساممۇ.سىزنى سېغىنىمەن ھەربىر مىنۇت ھەربىر تىنىقىمدا سىزنى سىغىنىمەن.بىراق بۇلارنى بىلمەيسىز ،بىلسىڭىز بەلكىم مىنى ئۇنچىلىك سېغىندۇرمىغان، ئەشۇ ھىجرانلىق مىنۇتلاردا قەلبىمگە مەلھەم سۇپىتىدە مەنمۇ سىزنى بەك سېغىندىم دەپ تۇرۇپ مىنى باغرىڭىزغا باسقان بۇلار ئىدىڭىز.راس، سىزگە راستىنلا بەك ئامراق ئىدىم.مىنى نىمىشقا تاشلاپ كىتىسىز دەيمەن؟ ئەجىبا سىزسىز ھاياتنىڭ مەن ئۈچۈن نەقەدەر مەنىسىزلىگىنى ئازراقمۇ ھېس قىلمىغان بولغىيدىڭىزمۇ؟ سىزگە قانچىلىك ئامراقلىغىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزمەن.سىزگە بولغان مۇھاببىتىمنىڭ چوڭقۇرلىقى ئالدىدا دېڭىزلارنىڭ چوڭقۇرلىقى چوڭقۇرلۇق ئەمەس،……

راس سىزگە بەك ئامراق ئىدىم ،ئەمماسىز ھېچنەرسىگە پەرۋا قىلماستىن مىنى تاشلاپ كەتتىڭىز ،ماڭا قالغىنى پەقەت چۈشلىرىمدىن،سىزبىلەن ئازراقمۇ ئوخشاشلىقى بولمىغان شۇ كىشىلەر تۇپىدىن سىزنىڭ سىمايىڭىزنى ئىزدەپ بۇيۇن قىسىشلاربولدى ……مەن يىغلىدىم ،يۈرۇگۈم لەختە قان بۇلۇپ كەتتى يەنە قاچانلارغىچە سىغىنىش ئىچىدە بۇيۇن قىسىدىغىنىمنى،سىزنى باغرىدا ئەللەيلىتىپ ياتقان ئەشۇ ئەزىز تۇپراققا باش قۇيۇپ يىغلاپ ئۆتىدىغىنىمنى،كىچىكىمدىن تۇختىماستىن ئۈگۈتۈپ كەلگەن ئۈگۈت نەسىھەتلىرىڭىزگە ئەمەل قىلالماي ئېزىپ يۇرىدىغىنىمنى ،ھايات قىسمەتلىرىنىڭ،تەقدىر سىناقلىرىنىڭ ئۆتكەلىرىدىن بىمالال ئۆتەلمەي تىنەپ يۈرىدىغىنىمنى بىلمەيمەن.بىلىدىغىنىم سىزگە بولغان چەكسىز سېغىنىشنىڭ يۈرۇگۈمنى مىتە كەبى غاجىلاۋاتقىنى،گىگانىت تاغ كەبى دادىلىرىدىن ئايرىلغان يىتىملارنىڭ سېغىنىش ئوتىدا كۈيىۋاتقان يۈرۈگىنىڭ قانچىلىك ئازاپ ھەسرەتلەر ئىچىدە دەرمانسىز سۇقۇۋاتقىنىدىلا ئىبارەت قەدىردانىم، ئەزىزىم دادا……





1112 قېتىم كۆرۈلدى ئاتىكەم ئەيسا ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-2 19:57:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-1 15:53:58 kuqA zulhumar
sizni sihindim namlik buasar nahayiti yahxi yizliptu apirin kuligizga dat barmigai
2016-3-18 22:42:42 ئەكبەر يەكەن
يارايسىز ، قەلبىڭىز ھىسياتقا تولۇپتۇ ھارمىغايسىز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ