ئەركەكسەن! (نەسىر)

ئەركەكسەن! (نەسىر)

 

ئالىيە

 

ئاناڭ سېنى تۇنجى قۇچاقلىرىغا ئالغان شۇ دەقىقىدە، «كەلگۈسىدە تاغدەك يۈلەنچۈكۈم ئۇ » دېگەنىدى ئىختىيارسىز! كۆزلىرىدىن بىر تامچە ياش مەڭزىلىرىڭگە تامچىلىغانىدى،  يۈزلىرىڭنى سىلاپ باققىن شۇ تامچىلەر ھېلىھەم مەڭزىلىرىڭدە قىزىللىق ياساپ تۇرۇپتۇ ! شۇ بىغۇبار ئۈمۈدىدىن ئاغرىنغۇڭ كېلىۋاتىدۇ يۇ ، يۈزلىرىڭدىكى قىزىللىقتىن مەمنۇن بولىۋاتىسەن ، ئۇنۇتما ئۇ قىزىلللىق شۇ ئۈمىدنىڭ يۈزلىرىڭدە ئاچقان چېچىكى ، بۇ چېچەكنى گۇمران قىلماقنى ئويلايسەن تۇرۇپلا ! ياشاش ئېغىر كەلدى چۈنكى .. ھەق ئانامنىڭ ماڭا قىلمىقى دېگەن ئەشەددىي خىياللار كۆڭۈل رۇجەكلىرىڭگە بۆسۈپ كىردى ...

 ئۇ ئانا ھاياتىڭنىڭ بىسىمى بولۇپ كۆزلىرىڭگە قىزىللىقنى تىقماقتا ! ئېسىڭدى يوق بەلكىم بىر زىمىستان كېچە قاتتىق ئاغرىق ئىدىڭ ، كىچىك ئىدىڭ ! ئاناڭنىڭ باغرىدا ئىدىڭ ، ئاناڭنىڭ پۇتلىرى يالاڭئاياغ كوچىمۇ كوچا دوختۇر دەپ ۋاقىرايتتى ....

مانا بۈگۈن سان يېشىڭ «ئەركەك » كە لايىق بولۇپ ، ئاناڭنىڭ «تاماق يە بالام » دېگەن يالۋۇرۇشىغا سىلكىشلەر بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپ سۆيگىنىڭنىڭ يېنىغا ئالدىرىدىڭ ! ۋە ياكى ئاغىنىلىرىڭنىڭ يېنىغا ...

 بىر كۈنلەر كەلدى ، «يېقىنلىرىڭ»دىن تاشلاندىڭ ! ئارتۇقچە ئاھ ئۇرما ! بۇلارغا سېنىڭ ئىقتىدارسىزلقىڭ ۋە ياكى ئەسكىلىكڭ سەۋەپ ئەمەس ھەرگىز ! سەن ئۇنچە ئەسكىلەردىن ئەمەس بولمىسا ، يالغۇز قېلىۋاتىسەن ! سەنچىلىكمۇ ئىقتىدارى بولمىغان ، سەنچىلىك ياخشى ئەمەس بىرىگە ھەۋەسلىنىپ قېلىۋاتىسەن ، چۈنكى ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنى ئاسمانغا ئېلىپ كۆتۈرگۈدەك سۆيگۈنى ۋە بۇرادەرلىرى بار ئىدى ..

 كاللاڭدىن ئۆتكۈزەلمەي قېينالما ، ئۇلارنىڭ شۇبەخىتكە نائىل بولمىقى ھەق! چۈنكى ئۇلار بارچە بەخىتنىڭ بۇلىقى شۇ ئانىلىرىنى شۇ ئاتىلىرىنى ھەممىدە ئۈستۈن ئورۇنغا قويالايتتى ! ئالدى بىلەن ئانىسىغا « ئانا سېنى سېغىندىم » دەپ بولۇپ ئاندىن سۆيگۈنىگە « جېنىم سېنى سېغىندىم » دەپ ئۇچۇر يوللايتتى ! ئالدى بىلەن « دادا ، بۈگۈن مەن تاپقان پۇلنى بىر خەجلىگىن» دەپ جىق بولمىسىمۇ گەرچە ! دادىسىغا شۇ ئەجرىنىڭ مېۋىسىنى بىرىپ بولۇپ ، ئاغىنىلىرىگە « كەل ئاغىنە ! مېھمىنىم بول » دەپ تېلىفۇن قىلاتتى !

 ئويلان ! مانا بۇ سەندىن تۆۋەنرەك تۇرىدىغان ئۇلارنىڭ شۇنچە قىممىتى بارلىقىنىڭ سەۋەبى ...ئويلىغىن ! ئاناڭغا تېخى يىگۈزۈپ باقمىغان بىر تائامنى ، سۆيگىنىڭنىڭ ئالدىغا دەستىلەپ تىزدىڭ ! لېكىن تازا قەدرىڭ يوق ... ئاغرىنما ، چۈنكى ئاناڭغا يېگۈزمەي تۇرۇپ ياتنىڭ ئالدىغا قويغىنىڭ ھارام ! ھارام نەرسە قانداقمۇ قىممىتىڭگە بەدەل بولالىسۇن ...

 يات بىر سۆيگۈلەرنىڭ ئۇچقۇندىلىرىدىن مەسىت بولۇپ كۆزلىرىڭدىن ياش تامچىتىۋاتامسەن ! ئاناڭنىڭ شۇنچە يىللىق مۇھەببەت يالقۇنلىرى ئېرىتمىگەن يۈرەكلىرىڭ ئېرىپ كېتىۋاتامدۇ ! ئويلاپ باققىن نېمىگە لايىقكەنسەن ، تۆت كۈندىن كېيىن خەققە ئېقىتقان ياشلىرىڭنىڭ يۇندىغا ئايلىنىپ يۈزلىرىڭگە چېچېلىشىدىن ئاغرىنماسلىققا ھەقلىقسەن ! .....

نەچچە ياشتىسەن ! ئاناڭنىڭ مېھىر مۇھەببەت دەرسخانىسدا شۇنچە يىل دەرس ئالدىڭيۇ ، بىر رەھمىتىڭنىڭ تايىنى يوق ، يات بىرلىرىنىڭ مۇھەببەت تاۋكالىرىغا ئۆزۈڭنى دوغا تىكىپ ئاۋارىسەن ... ھەق ، بۇ تاۋكادا قىپقىزىل ئۇتتۇرىشىڭ ! ئاناڭنىڭ ئەجرىمۇ ئەلۋەتتە كاتتا جاۋاپلارنىڭ تەمەخۇرى ئىدى ! بۇ ئەڭ ھالال ،ئەڭ ساپ تەمەخۇرلۇق ئىدى ... قىممىتىڭنىڭ ئاسمانلارغا ئۆرلىشىگە قانات بولغۇچى تەمەخۇرلۇق ئىدى ...

 ئاغرىنما قىممىتىم بولمىدى دەپ ! ئاناڭنىڭ خىيالىدا پەيدا بولغان زەررىچىلىك نارازىسى رىزىق يوللىرىڭنى توسۇيدۇ ! نىكاھ بەخىتلىرىڭنى توسۇيدۇ ...ئانا ئۇنداق نارازىلىقنىڭ زەررە ئۆزىدە پەيدا بولماسلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى مىڭ ئوتتا قېيناپ ياشايدۇ بىلسەڭ ! قېنى ئاناڭنىڭ پېشانىسىگە بىرنى سۆي ! ئاندىن جاھان ئىشلرىغا چاپ ، قايسى ئىشىڭ ئوڭۇشلۇق بولماي قالىدىكىن ! قېنى ئاناڭغا تەبەسسۇملىرىڭنى ياغدۇر ! قوللىرىنى ، پۇتلىرىنى تۇتۇپ قوي ھەتتاكى سۆيۈپ قوي ! سەن ئاشىق بولغان قايسى گۈزەللەر ساڭا ئېرىمايدىكىن ...

 شۇ نىيەتلىرىڭگە ، شۇ ئەجىرلىرىڭگە ئامەت سېنى ئەگىپ كېتەلمىگىنىدە، كۆزلىرىڭدىكى ياشنى ئاناڭغا كۆرسەتكىن ! يېغلاشقىن ئاناڭ بىلەن بىر پەس ! ھاياتىڭ سەندىن بىر رەت رازى بولسۇن ئەركەك ! كۆزلىرىڭ بەختىڭگە دۇئا قىلسۇن بىر رەت ! كۆپنى تەلەپ قىلمايدۇ ئۇ ئانا ! تېلىفۇنلىرىڭنى يېغىشتۇرغىن بۈگۈن ! «ئانا ، كۆپ جاپا چەكتىڭ » دېگىن قېنى ! ئۇنىڭ ئئ شۇ گېپىڭدىن ئەس ھوشىنى يوقاتقۇدەك بولغان ۋۇجۇدىدىن سىرغىغان بىر تامچە ياش بەخىت دەرۋازىلىرىڭنى چەككۈسى !





382 قېتىم كۆرۈلدى ئالىيە ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-3 3:59:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-3-8 11:11:13 فىردون
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاپتور،سىز بىلەن ئالاقىلاشقىلى بولامۇ ياكى مىنىڭ ئۈندىدارىم 157906951
2016-2-15 6:16:04 ياپراق
بەك ياخشى يېزىپسىز،داۋاملىق تىرىشىڭ!
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ