ۋەيرانە قىلدىڭ ( ناخشا تېكىستى) - جامالىدىن يۈسۈپ يانار

ۋەيرانە قىلدىڭ ( ناخشا تېكىستى)

 جامالىدىن يۈسۈپ يانار


كەتتىڭ نىگار ، ئازابقا تاشلاپ،
قويدۇڭ بۈگۈن كۆزۈمنى ياشلاپ.
كىرمەستىن  سەن باغلارغا باشلاپ،
مېنى سەرسان ۋەيرانە قىلدىڭ.

مۇھەببەتنىڭ سازىنى چېلىپ،
شوخ يۈرەككە ئوتلارنى سېلىپ.
ئۆزۈڭ بىلەن كۆڭلۈمنى ئېلىپ،
مېنى سەرسان. ۋەيرانە قىلدىڭ.

قىلدىڭ يۈرەك باغرىمنى كاۋاپ ،
ھەسرەت چېكىپ ھالىم بەك خاراپ.
تەلمۈرىمەن يولىڭغا قاراپ،
مېنى سەرسان ۋەيرانە قىلدىڭ .

2017-يىلى 04-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇرپان شەھىرى
ئۈندىدار :13999460492





76 قېتىم كۆرۈلدى جامالىدىن يۈسۈپ يانار ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-12 21:39:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-14 12:22:28 رەشىدە
ئ‍ېسىل
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ