ئايەمدۇر بۈگۈن خانىم قىزلار ئۈچۈن (شېئىر)
ئابلىمىتجان ۋاھاپ (تەنھا تۇرنا)
باغ ئارا كەلدى بۇلبۇل خۇشناۋاسى ئۆزگىچە.
ئۆتتى قىزلار ياسىنىپ گۈلدەك سىماسى ئۆزگىچە.
چېھرىدىن بالقىيدۇ ئاپتاپ نۇر- زىياسى ئۆزگىچە.
باقسا ھەر كىم ئاپىرىن ئېيتار، باھاسى ئۆزگىچە.
چۈنكى ئايەمدۇر بۈگۈن خانىمۇ قىزلار ئۈچۈن.
كەلدىم ئېيتىپ خوش مۇبارەك بايرىمى بولغان ئۈچۈن.
قەلبىگە شاد خۇراملىق تاشقىنى تولغان ئۈچۈن.
دوستى شات دۈشمەنلىرى غازان بولۇپ سولغان ئۈچۈن.
بەخت ئامەت ھەر قەدەمدە كەڭ قۇچاق ئاچقان ئۈچۈن.
چۈنكى ئايەمدۇر كۈنى خانىمۇ قىزلار ئۈچۈن.
يايرىسۇن قەلبى ھامان بولسۇن ئېگىزدە ئامىتى.
ھېچ پۈكۈلمەي ھەر ۋاقىت شۇ ئېلىپتەك قامىتى.
ئۆمۈرى بولسۇن بەك ئۇزۇن ئاستا چاپسۇن سائىتى.
تۈگمەس بولسۇن تېلەگىم ھەم ئۇنىڭكى ئامىتى.
چۈنكى ئايەمدۇر بۈگۈن خانىمۇ قىزلار ئۈچۈن.
33 قېتىم كۆرۈلدى | tanhaturna | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-4 23:09:14 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|