دوسىت ئەمەس
ئەلىجان ۋاھاپ
(ئىلكىتاب)
پۇل مالىڭغا دوس بولغانلار دوس ئەمەس،
ئابرويىڭغا دوس بولغانلار دوس ئەمەس ،
ئۇلار دوستۇر پۇل ماللارغا ھوقۇققا ،
ئامىتىڭگە دوس بۇلغانلار دوس ئەمەس.
ئامەت كەتسە ئۇلار كېتەر قېشىڭدىن،
پۇرسەت كەلسە پايدىلنار بېشىڭدىن ،
دۈشمەن ئۈچۈن گەپ ئالدۇ ئېچىڭدىن ،
ئامەتىڭگە دوس بولغانلار دوس ئەمەس.
ئۇلار كۈندە ئەتراپىڭدا پەرۋانە ،
سېنى قىلۇر بىركۆن ھامان سەرسانە ،
ئويلاپ بىر كۈن بوپ قالسەن ھەيرانە،
ئامىتىڭگە دوس بولغانلار دوس ئەمەس ،
ئۇقورىيدۇ ئۆز يېغڭنى يېغىڭدا،
كېچىكسەن سەن چۈشەنگەن چېغڭدا،
ئۇ ئوينايدۇ بەلكىم سېنىڭ بېغىڭدا ،
ئامىتىڭگە دوس بولغانلار دوس ئەمەس.
| 88 قېتىم كۆرۈلدى | otlurung | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-21 14:25:41 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|