ئاسمانغا ئاتقانىڭ ھەممىسى ئاتامدەك تۇتالمايدىكەن
ئاتام
ھەمدۇللا ئابدۇراخمان (ئۇيغۇربېك)
پەقەتلا مەن ئۈچۈن ياشايدىغاندەك،
جەندىدە شاھى تون كىيدۈرگەن ئاتام.
بەئەينى باياۋان ، ھايات بېغىمغا،
ئەجرىدە قىزىلگۈل كۈچۈرگەن ئاتام.
يېقىلسام يۆلىمەي ئۆزۈڭ تۇر دېگەن،
يىغلىسام ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ئۇر دېگەن،
سەن ئەركەك ئىگىلمەي تۇرمەغرۇر دېگەن
قەھرىدە قەددىمنى كۆتۈرگەن ئاتام .
ئاش ئىچىپ سورىسام گۆش يىدىم دېگەن،
سىزيەڭ دەپ زورلىسام ئۆش ئىدىم دېگەن،
مەن ئۈچۈن ياغ بىلەن تۆش ئېلىپ يېگەن،
مېھرىدە بارىنى يىدۈرگەن ئاتام .
ئۆينى دەپ خىيالدا سۈكۈتكە چۆككەن،
يوقسىزلىق نەچچە رەت باغرىنى سۆككەن،
بىرئۈمۈر مەن ئۈچۈن باش ئېگىپ ئۆتكەن،
چېھرىدە قۇياشنى، ئۈچۈرگەن ئاتام .
| 54 قېتىم كۆرۈلدى | uyghurbek | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-19 22:39:04 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|