بەلچىرىم
ساۋۇت سەدەن (ئانار)
مۇڭ باسقان كوچاڭغا كىرگەندە بۈگۈن ،
ۋۇجۇدۇم تىتىرەپ ئاقتى ياشلىرىم .
يۈرۈگۈم ئېزىلدى شۇنچىلىك دەھشەت ،
ئاھ غېرىپ بوپسەنغۇ ئەزىز بەلچىرىم .
بىر چاغلار باغرىڭدا قايناتتى ھايات ،
گۈل بەرگى شەبنەمدەك سۈزۈك مۇھەببەت.
خىيالچان گەۋدەم بەكمۇ بەك ئېغىر ،
بەلچىرىم شۇ كۈنلەر كەلمەسمۇ پەقەت.
سوقما تام دەل دەرەخ ھەتتا تاشلىرىڭ ،
مەن ئۈچۈن بىباھا ئۇلۇغ بىلىندى.
تاشلاندۇق تونۇرلا ئۆگۇزسىز ئۆيلەر ،
بۇھالدىن ھەسر ەتتە يۇرگۇم ئېزىلدى.
بىرچاغلار ئىكەنغۇ كەلمەسكە كەتكەن ،
ئانام ياققان ئسىق ناننى مەززە قىپ يىگەن.
ئۆيلەرئارا چىۋىق ئاتنى ھارماي چېپىشىپ ،
ھەي بەلچىرىم قۇچۇغۇڭدا خىرامەن ئۆتكەن.
نامىڭ ئۇلۇغ ، باغرىڭ جەننەت بەلچىرىم ،
ساڭا رېشتىم چىڭ باغلانغان ئۈزۈلمەس.
بولساممۇ يارىت يۇتتا كۆڭلۈم سەندىلا ،
سېنىڭسىز تەخىتتە كۆڭلۈم سۆيۈنمەس.
بەلچىر…يۇرىت نامى
016 -2 -21
| 100 قېتىم كۆرۈلدى | ساۋۇت سەدەن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-21 11:52:51 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|