خەۋەر كەلگەندە
دىلدارقىز سىيىت
ئانامنى كەتتى دەپ كەلگەندە خەۋەر،
تاڭ سەھەر تىخى بەش بولمىغان ئىدى.
ئاھ دىدىم پىچاقتا تىلىندى يۈرەك،
سىردىشىم مېھرىبان شۇ ئانام قىنى.
ھىلىمۇ ئىسىمدە ئانام كەتكەن چاغ،
كۈلگەندەك ياتقانتى كىپەن ئىچىدە.
ئۆرتىنەر يۈرۈگۈم ھەرقىتىم كۆرسەم،
يىغلايمەن يامغۇردەك ئازاپ ئىچىرە.
جان ئانام ئاغزىدىن گاھى ئاڭلايتىم،
بالام دەپ قالمايلى ئانام دەپ قالسۇن.
ئوتۇمدا كۆيۈپ سۈيۈمدە ئاققان،
ئانامنىڭ ياتقىنى پىردەۋىس بولسۇن.
سەن ئۈچۈن ھىچ بىر ئىش قىلالماي ئانا،
كىرىپ قالدىم ئىشىكى ئوچۇق قەپەزگە.
كىرەلمەي،چىقالماي قالدىم تىڭىرقاپ،
يۈرۈگۈم سىقىلار ئۈنسىز نەپەستە.
قولۇمدىن كەلگىنى سەن ئۇچۇن دۇئا،
دۇئايىم ھەرۋاقىت ھەمراھتۇر ساڭا.
كەچۈرگىن جان ئانا مىنى كەچۈرگىن،
سەن ئۈچۈن ئىگەمگە قىلاي ئىلتىجا.
چۈشۈمدە بولسىمۇ كۆرۈپ تۇرىمەن،
قۇچاغلاپ مەڭزىڭگە سۆيۈپ كىتىمەن.
ئويغىنىپ قاراپلا يىغلاپ كىتىمەن،
سەن يوق ئانا قانچىلىك ياشاپ كىتىمەن.
2016-7-26
175 قېتىم كۆرۈلدى | دىلدارقىز سىيىت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-7-29 11:36:02 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-8-6 23:40:48 | dilnar |
isil asar boptu. |
2016-8-1 11:27:43 | نىلۇپەر |
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ، تەخىمۇ تىرىشىڭ!!!! |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|