دادام كەتسە (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

 دادام كەتسە
مەمەتجان سەمەت


ئايان بولدى چۈشلىرىمگە،
دادام يوق قاپتىمەن غەمدە.
بولارمۇ كەلگۈسۈم شۇنداق،  
مېنى تاشلاپ دادام كەتسە.

ئۆتمەس ئىكەن كۈنۈم خۇشال،
دادامدىن  ئايرىلىپ  قالسام.
بېشىمغا  چۈشتىغۇ  غەملەر،
خىيال قىپ ئويلۇنۇپ باقسام.

ئانامنىڭ يوقلىقى ئازدەك،
كىلەر ئىكەن يەنە كۈلپەت.
قانداق ياشاي قانداق قىلاي،
يېنىمدا بولمىسا  ئۈلپەت.  

ئۆتكۈم يوقتۇر پەقەت يىغلاپ،
كەتتىغۇ دەپ دادام تاشلاپ.
كىتەر بولساڭ جېنىم  دادا،
ئېلىپ كەتكىن مېنى باشلاپ.

ئاپتورى : مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار: چ چ: 308381500
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز قىلماڭ
     





180 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-5 7:46:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ