ئاقيارىم
يۇرتۇم ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيە ئاقيار بازىرىنى ئەسلەيمەن
ئاپتۇرى : ئالىمجان تۇرسۇن ئاقيارى
ئەجدادلار ئىىشلىگەن ئەجىر- مېھنەتسىز ،
بۇ يۇرتنى ياشنىتىپ ، ھارماي تىنىمسىز .
كەتتىغۇ راھەتنى كۆرمەي سېنىڭسىز ،
ياشنىغىن ، گۇللىگىن گۇزەل ئاقيارىم .
سەيشەمبە بازارى ، يەكشەمبە بازار ،
چوڭ-كىچىك ھەممىسى بولۇر ئىنتىزار .
ماڭغىن دەپ بالىنى ئانىسى تارتار ،
ئادەملەر جەننىتى قايناق بازارىم .
شۇنچە كەڭ تۇپرىقى، زېمىنى پايانسىز ،
دېھقانلار ئىشلەيدۇ سانى - ساناقسىز .
يەرلەرمۇ قالمايدۇ بۇغداي قوناقسىز ،
ياپيېشىل تۇرىدۇ گۇزەل ئاقيارىم .
سەن بىلەن ئاقىدۇ ئاقسۇ دەرياسى ،
سۇ بىلەن ياشنايدۇ گۇل ۋە گىياھسى .
سەن بولغاچ گۇزەلدۇر ھايات مەناسى ،
ئالتۇندەك قىممەتلىك گۆھەر ماكانىم .
سېغىنىپ ۋاقىراپ ، چىقماي ئاۋازىم ،
يىراقتىن كەلمەكتە ئاھۇ - زارلىرىم .
ھەتتاكى قالدىغۇ شۇ ئوماق يارىم ،
سېغىنسام نە قىلاي يۇرتۇم ئاقيارىم .
نەدىن دەپ سورىسا دېدىم ئاقيارلىق ،
سېنىڭدە يىسەم مەن زەھەرمۇ تاتلىق .
ئېلىپ كەل ھاياتقا بارچە خۇشاللىق ،
سەن مېنىڭ يۇرتۇمسەن، ئەزىز دىيارىم .
2015.12.5
| 47 قېتىم كۆرۈلدى | akyari | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-5 14:22:29 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|