ئانىلار (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

 ئانىلار
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

ئۇيقۇسىنى تاپقانتىغۇ ئەمدىلا،
ئىڭاڭلىدى سەبىي ئوماق بوۋاقلار،
شۇئان تۇرۇپ ئەمچەك سېلىپ بەزلىدى،
ئىشتىھادا ھوزۇرلاندى بوۋاقلار.

سەھەر تۇرۇپ قىلار يەنە ئۆي ئىشى،
ئەسنىسىمۇ ئۇيقۇسىزلىق بىلمىدى،
كىر-قاتلىرىنى يۇيىدۇ ھارماستىن،
بالا دەردى،جاپاسىنى ئۇنۇتتى.

ئانىلاردۇر ھاياتلىقنىڭ گۈللىرى،
ئانىلارسىز نە ياڭرىسۇن كۈيلىرى،
خۇشاللىقنى كۆرمىدىغۇ زادىلا،
ۋۇجۇدىدا پەقەت بولغاچ باللىرى.

كۈندۈزلىرى خىزمەت قىلسا ئورگاندا،
كىچىلىرى بالا باقار ھارغاندا،
يەنە سەھەر تەييارلايدۇ ناشتىلىق،
ئۇنتۇپ كىتەر ھارغىنلىقنى زادىلا.

ئائىلىنىڭ تۈۋرىكىدۇر ئانىلار،
ئەرلەرنىڭمۇ  قاناتىدۇر ئانىلار،
قىلچە مېھنەت قىلمايدىغۇ بىر ئۆمۈر
خۇشال ياشاپ كۈلۈپ كەتسە بالىلار.

راھەت ئەمەس،ئويلايدىغۇ بالىلار،
مېھنەت قىلماي،جاپاسىنى ئانىلار،
قۇلى گۈلدەك،مېھرى ئىللىق ئۇلارنىڭ،
بەك سەۋېرچان،ۋاپاداردۇر ئانىلار.

ئانىلارنى قەدىرلەيلى يولداشلار،
كۈلۈپ باقسۇن بىرەر قېتىم ئانىلار،
ئانىلارسىز نە پارلىسۇن بۇ تۇرمۇش،
ھۆرمەتلەيلى ئانىلارنى بالىلار .
     





108 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-12 22:17:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ