ئازارىڭنى ئىنسان كۆرمىسۇن - مەخسۇم ئابدۇقىيىم

 ئازارىڭنى ئىنسان كۆرمىسۇن

مەخسۇم ئابدۇقىيىم

سۇغۇق بۇلسا ھاۋا بىر كۈنلۇك،
قەلىبلەرگە ئۈششۈك ئۇرمىسۇن.
قىشمۇ كىتەر پەسلى كەتسە گەر،
ئازارىڭنى  ئىنسان   كۆرمىسۇن.

مىھىر بىلەن  ھاياتىڭ   گۇزەل،
مىھىرسىزدىن ھەزەر ئەيلىسۇن.
جىمى گۇناھ ئۆزگىدە دىمە ,
ئۇزگىلەرمۇ كۆكتە لەيلىسۇن .

بەرمىگەنىڭ قۇلى قىسقىدۇر،
تىلاپ يۈرمە تىلىڭ قىسىلسۇن .
ھاجەت دىگەن كىمدە بۇلمىغان ،
ئۆتنە جاھان ئۆزى ئىسىلسۇن.

سۆيمىگەنىڭ سۆيگىنى باردۇر،
تەما ئەتمە سۆيگۈسى كۆلسۇن.
تاڭغان بىلەن تاشنى تاياققا،
ۋىسالى يۇق يالغۇز ئۇتمىسۇن.

ئازار بەرمە يارۇ-دۇسلارغا،
قېرىنداشلار مىھرىڭگە قانسۇن.
رىسقى بىلەن يارالغان ئىنسان،
مىھمان بۇلۇپ ئۇيۇڭدىن يانسۇن.

باياشاتتا ئۇتسۇن  بۇ  ھايات،
پۇرەكلىگەن  گۈللەر ئېچىلسۇن.
ئىنسان دىگەن ئىنسان بىلەن گۈل،
بەختى نۇرداھەريان چىچىلسۇن.





107 قېتىم كۆرۈلدى مەخسۇم ئابدۇقىيىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-22 0:28:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ