كۈز يامغۇرى
قىزىل تۇمان يازمىسى
سىم-سىم ياغدى كۈزنىڭ يامغۇرى ،
بەكمۇ سوغۇق ھەربىر تامچىسى .
مۇزلىدى ئالەم ،مۇزلىدى يۈرۈگۈم ،
مۇزلىدى مەندىكى سۆيگۈ ھېسلىرى،
مۇزلىدى قەلبىم قەھىرتان كەبى ،
كەچ كۈزدەك سارغايدى ھەممە ،
سارغۇچ يوپۇرماق ئوينايدۇ ئۇسۇل،
سوغۇق شامال لەرزان ئەركىلىسە،
قينالدىم بەك ئۇزۇن ھىجىران دەستىدىن ،
مۇزلدى قەلبىم يامغۇر تامچىسدەك ،
يىغلايمەن ھەركۈنى ھىجىران ئىچىدە،
يامغۇردا قالغان مىسكىن ياپراقتەك
كۆز يۇمدۇم ئۇيقۇممۇ قاچتى بۇ كېچە ،
ئويلايمەن بۇ كېچە يەنىلا سېنى ،
تىلغايدۇ يۈرەكنى مۇزلىغان سۆيگۈ ،
ئازاپتا قويدى مېنى كۈزنىڭ يامغۇرى.
ئۈندىدار نومۇرۇم : 15292532364
2015-10-14كۈنى ئاقسۇ باي
| 214 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-10-14 14:32:07 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|