پەرىشتەمسەن (ناخشا تېكىستى)
تاھىرجان ھېيىت مەجنۇن
پەرىشتەمسەن ئۆمۈرلۈك سەن مېنىڭ بەختىم،
سۆيگۈ مۇھاببەت بېغىدا سەلتەنەت تەختىم .
بىر دانەمسەن ئەزىزەم ئوماقتۇر چېھرىڭ ،
پەقەت سەندە ئەي گۈلۈم كۈلكەم شاتلىقىم .
قەلبىڭ گۈزەل ئۆمۈرلۈك مېھىرلىك بولسۇن ،
ساڭا تەشنا بۇ قەلبىم سۆيگۈگە تولسۇن .
گۇۋاھ بولسۇن يەر جاھان كۆكتىكى قۇياش ،
گۈل گىياھلار بىزلەرگە خۇشپۇراق چاچسۇن .
سەن مېنىڭ بەختىم سەلتەنەت تەختىم ،
پەرىشتەمسەن ئەي گۈزەل تۇنجى سۆيگۈنۈم .
ساداقەتتە يار ماڭا كەلگۈسۈم بولساڭ ،
سېنى سۈيۈپ ئۆمۈرلۈك سۇلتانىڭ بولاي .
ئانام كۆرسە يار سېنى خۇش بولۇپ قالسا،
ئەي تاتلىقىم پەرىشتەم مېھرىڭ ھەم بولسا .
شەرمى ھايا نازاكەت پەزلىتىڭ بولسا ،
تۇرمۇشىمىز بەختىيار شادلىققا تولسا .
ئارمىنىم يوق پەرىشتەم سەن بىلەن بولسام ،
شۇ مېھىرلىك باغرىڭدا كۆزۈمنى يۇمسام .
تىلەگىم شۇ يار سەندىن ئايرىلىپ قالمىسام ،
مەلىكىسەن چىن مۇھاببەتنىڭ سۇلتانى بولسام .
ئاپتۇرى باي خەلىق ئوغلانى تاھىرجان ھېيىت مەجنۇن
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز تارقاتماڭ
ئىشلەتسىڭىز ئاپتۇرنى ئىزدەڭ تېلفۇن ئۈندىدار 13150331763
2016 - يىلى 12- ئاينىڭ 22 - كۈنى
گۈزەل باي كېچىسى
| 224 قېتىم كۆرۈلدى | majnuntal | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-24 3:55:26 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|