ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى (شېئىر) - ئالمىرە ياقۇپ

ئاشىق - مەشۇق بايرىمى
ئاپتۇرى: ئالمىرە ياقۇپ

قىلىۋاپتۇ بىر كۈننى ئاشىق~مەشۇق بايرىمى،
جۈپ~جۈپ بولۇپ كوچىدا قول تۇتۇشۇپ يۈرگىنى.
بايراملىرىمىز كۆپ ،لىكىن بىلمەپتىمەن بۇ كۈننى ،
مەدەنىيەتتىن چەتنىگەن ئاشىق~مەشۇق بايرىمى.

دەستە قىلىپ گۈللەرنى يىگىت قىزنى چاقىردى،
كۆز تەگمىسۇن بىزگە دەپ سورۇنلارغا باشلىدى.
كۆز~كۆز قىلىپ ياتلارغا بەخىت تىلەك قىلىشتى،
مەدەنىيەتتىن چەتنىگەن ئاشىق~مەشۇق بايرىمى.

بىر تال گۈلگە خۇش بولۇپ ئەس ھۇشىنى بىلمىدى،

پۇرسەت بىلىپ يىگىتمۇ قىزنى ياتاققا باشلىدى.
ئوغۇللىرىمىز كەيىپتە، قىزلىرىمىز بۇزۇلدى،
مەدەنىيەتتىن چەتنىگەن ئاشىق~مەشۇق بايرىمى.

ئەدەپ~ئەخلاق ئۆچۈرۈلدى قىزلىرىمىز قەلبىدىن،
ئىشتانلىرى تارلىشىپ، كىرەلمىدى كوچىدىن.
يىگىتىم دەپ يات بىرىنى قولتۇقلىشىپ بىلىدىن،
مەدەنىيەتتىن چەتنىگەن ئاشىق~مەشۇق بايرىمى.

چىن مۇھەببەت موھتاجمۇ بىر كۈن بايرام قىلىشقا ،
مەدەنىيەتنى ئۇنتۇشۇپ، بىر بىرىنى بۇزۇشقا.
ئۆزىڭىز ھەم ئۆزگىگە تەۋسىيەلەر بولۇپ قالسۇن،
مەدەنىيەتنى ئۇنۇتماڭ ھايات بىزگە بايرامدۇر.





232 قېتىم كۆرۈلدى AlMeRa ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-16 21:49:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-27 5:39:35 zubaida
tehemu terxeg sakam. bakmu yahxi yezepsz.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ