چولپانلار ئۈلگە بولۇڭلار
يازغۇچى :ئابدۇۋارىس ئوسمان
چولپان بايلارغا ھېرىسمەن ياشلىق ،
قارسىغا پۇلدارنى تاللاش نادانلىق .
ئىلىم ئەخلاققا ھېرس بولمىساق،
بىزگە قالىدۇ پەقەتلا نادانلىق .
قىزلار چولپان تويىغا مەستانە بولغاچ ،
دەككىسى بولدى تالاق پۇلدارنى تاللاپ .
يىگىتلەر توي سېلقىدىن بويتاق بولغاچ ،
بىلمەي چوقۇنۇپ قالدى پۇلنى تاللاپ .
ئەلمىساقتىن توي دىسە باردۇر ئويلىماق ،
ئەقلى بىلەن جۆرىنى باردۇر تاللىماق .
نەسەب بىلمىنى باردۇر ئاۋال ئويلىماق .
چۈشسە قايدىگە زۆرۈر شۇنى تاللىماق ،
ئارىمىزدا كۆپىيىپ قالدى چولپانلار ،
پەخىرلىنىپ ئاغزىم زىناققا يەتتى .
يۇلتۇز ھەم ئۈلگىمىز ئىدى چولپانلار ،
ئازچىقتى ئارمىزدىن بۇنداق چولپانلار .
چولپانلارنىڭ تويى تويلادىن قالتىس،
ھەشەمەت بايلىقلار چولپانچە بەسلىك .
كۈتكىنى خەلقىمنىڭ ھەشەمەت ئەمەس،
تەس بولدى توي قىلماق دېھقانغا بەسلىك ،
چولپان تويىنى خالاپ كەتمىگىن ،
ئېشىپ قالسا پۇل سەدىقە قىلغىن .
نادانچە كىبىرنى دوراپ قالمىغىن .
دۇنيادا ساۋاپ ئىشنى كۆپ قىلغىن ،
چولپانلار خەلقىمگە باشلام بولۇڭلار ،
ھەشەمەت داچىدىن چۈشۇپ بېقىڭلار .
دېھقانغا بەسخوغا ئۈلگە بولۇڭلار ،
بەسلىككە خەلقىمنى تاشلاپ قويماڭلار .
قىلىڭلار ئاددى توينى چولپانلار ،
ئۈگنەيلى ئۈگەنسۇن خەلق سىلەردىن .
پۇلنى ساۋاپقا چېچىڭ چولپانلار ،
مەستانە بولايلى خىسلىتىڭلاردىن .
ئاقار يۇلتۇز بولسۇن كىبىرلىك چولپان ،
ئىبرەت ئالا بەختىنى پۇلغا باغلىغان .
بىلىم قازغان ئەخلاقتا ئۈلگە چولپان ،
شۇ ئۈلگىسى بىزلەرگە مىراس قالقان .
كايىسام گەپ تولا بۇ ئىللەتلەرگە ،
دەۋىر ئالدىدا تويدەك ئەمەس تويلارمۇ ،
پۇل كەتسە رازى ياۋروپا كىيمىگە ،
كەيمىسە رازىكەن بوزۇلسا تويلارمۇ .
چولپانلار ئۈگتۇپ قۇيۇڭلار بىزگە ،
ھەقىقى ئۇيغۇرچە تويلارنى بىزگە .
كەتسۇن كىبىرلىك يىراق بىريەرگە ،
ھەشەمەت بەخىتنى ئەكەلمەس بىزگە .
ئارتۇق بولسا پۇلۇڭ بۇزۇپ چاچما ،
تويدىن كىيىن پۇلسىز كۈنلەر كىلەر .
تويدا بەشلەشمە چەكتىن ئاشۇرما ،
سورايدىغان كۈن بىر كۈنلەر كىلەر .
ھەرخىل ئەيىپ كەيىپلەر تىشلانسۇن ،
سورۇنلار شاراپسىز تۈزىدە ئۆتسۇن .
بۇنىڭغا چولپانلار ئۈلگە باش بولسۇن ،
پۇل ساۋاپ ئۈچۇن تەۋرىنىپ ئۆتسۇن .
| 164 قېتىم كۆرۈلدى | 944382894 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-17 12:37:40 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|