رايىم يوق
ھەسەنجان ئارىپ
تەسەددۇقتۇر پاك سۆيگۈم زىننەتلەرگە رايىم يوق،
ياخشىلىقنى خالاپ قىلدىم مىننەتلەرگە رايىم يوق.
پەرقى باردۇر ئاق-قارىنىڭ تۆھمەتلەرگە رايىم يوق،
ئەخلاق ماڭا قانۇندۇر سۆلەتلەرگە رايىم يوق.
پەسكەشلىكتىن يات كۆڭلۈم غەيۋەتلەرگە رايىم يوق،
شۈكۈر بىلەن كۆڭلۈم توق شەھۋەتلەرگە رايىم يوق.
قەلبىم بايدۇر ھەر قاچان دۆلەتلەرگە رايىم يوق،
كۆڭلۈم شۇنداق سۈزۈكتۇر نەپرەتلەرگە رايىم يوق.
ئنساپ بەرسۇن خۇدايىم مىنىڭ دۇرۇس دىلىمغا،
دىيانەتتىن ياتلاشقان مەينەتلەرگە رايىم يوق!
(شەرمى-ھايا ۋە ئەخلاقنى ئۆزۈڭگە زىننەت قىلساڭ، گۆھەرگە تەڭداشسىزدۇرسەن---ئەگەر بىلىمنىمۇ قۇشۇپ ھەمرا قىلساڭ مەڭگۈ بىباھادۇرسەن)
ھەسەنجان ئارىپ 2016-يىل31-يانىۋار (ئاۋات ناھىيە يېرىق يېزىسىدىن)
269 قېتىم كۆرۈلدى | ھەسەنجان ئارىپ | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-31 11:45:23 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|