ئانام بىلەن
بىر يىتىمنىڭ ھەسرىتى
ياسىن(كېرىيە)
ئەقلىمگە كەلسەم ئانام يوق غېرىپ ئىدىم،
بىربولمىغاچقا شۇئاتام- ئانام بىلەن.
غېرىپتۇرمەن ھازىرمۇ يىغلايدۇ دىلىم،
قېنىشمىغاچقا مېھرىمىز ئانام بىلەن.
ئاتام بىلەن شۇ ئانام بىريەردە بولسا،
بىريەردە بىرگە كۈلەر ئىدىم ئانام بىلەن.
غەرىپ بولسام كۆزۈمگە ياشىم تولسا،
بىريەردە يىغلار ئىدىم شۇ، ئانام بىلەن.
كىشى يۇرتىدا يىغلىماي كۈلەر ئىدىم،
بىريەردە بولغان بولسام ئانام بىلەن.
سەرسان بولۇپ ئاۋارەبولماس ئىدىم،
بىرئۆيدە بولسا جان ئاتام- ئانام بىلەن،
ئاتام بىلەن شۇ ئانام بىر ئۆيدە بولسا،
بۇنداق تەنھايۈرمەس ئىدىم ئەلەم بىلەن.
نىجاتلىق تا كۈلەر ئىدىم دىيارىمدا،
بىرداستىرخان بولار ئىدىم ئانام بىلەن.
ئاتا-ئانام باغرىدا بۇ ھاياتلىقتا،
ئۇچۇق- يۇرۇق كۈلمەسمىدىم ئانام بىلەن.
دىلىم كۈلگىنى ئىسىمدە يوق بۇ ھاياتتا،
بىركۈن بىر يەردە كۈلەرمەن مۇ ئانام بىلەن.
364 قېتىم كۆرۈلدى | yasinkeriya | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-25 22:36:25 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|