ھەمراگۈلنىڭ قىسمىتى - ئىبرەتلىك شىئىر

ھەمراگۈلنىڭ قىسمىتى

 

ئىبرەتلىك شىئىر

 

ئىدارىدىن زىياپەت دەپ بىزلەرنى، 
باشلاپ كەلدى كاتتا مىھمانسارايغا.
 باش سېكرىتار قولغا ئېلىپ قەدەھنى،
 سۆز باشلىدى قاراپ ھەممە چىرايغا.


 بۇ بىر يىلدا ئىدارىمىز پۇل تاپقاچ،
پۇللا ئەمەس ئانچە-مۇنچە يول تاپقاچ.
ئۇيۇشتۇردۇق مۇنداق كاتتا زىياپەت،
بۇندىن كىيىن بولسۇن يىڭى قىياپەت.


 بۈگۈن تازا ئويناپ -كۈلۈپ ياشايلى،
سىيگەن-چىشقان جىملا قالسۇن بۇ يەردە،
خىزمەتلەردە ئەمدى داۋان ئاشايلى،
 گەرچە بۈگۈن قېپقالساقمۇ خەتەردە.


 راسا يىيىش-ئىچىش بولدى بىر ھازا،
قىزىرىشىپ كەيىپ بولدى ھەممەيلەن.
مەس بولغاندا ئەر كىشىلەر ئايانغۇ،
غىپلا قىلدۇق مەن سېكرىتار ئىككەيلەن.


 «ئۇكام» دىدى ياپما قاپاق باشلىغىم،
چاقىرمامسەن «ئۇيغۇر» قىزدىن ئىككىنى.
 ياشىمامدۇق ئاران پۇرسەت بولغاندا،
تېخى ياخشى بولسا ياغلىق چىككىنى.

 

قارىۋىتىپ باشلىقىمىڭ كۆزىگە،

تەڭقىسلىقتا ماقۇل دىدىم سۆزىگە.

كىرىپ كەلدى لىڭبەر باشلاپ بەش قىزنى،

تاللىۋالدۇق بەشەيلەندىن ياش قىزنى.

 

 باشلىق ئېلىپ كىرىپ كەتتى بىرىنى،
 سېلىپ قويماي ماڭا كۆزنىڭ قىرىنى.
مەن قىپقالدىم سېرىق چاچلىق قىز بىلەن،
گەپ باشلىدىم تاققا - تۇققا سۆز بىلەن.


 پاراڭ ئارا نەزەر سالسام قىزچاققا،
ئوخشاپ كەتتى دوستۇم ئەنۋەر توپاققا.
بىر چاغلاردا ئاڭلىغانتىم بىرىدىن،
 بىر سىڭلىسى ئاجراشقان دەپ ئېرىدىن. 

 
«قارت»لا قىلىپ كۆڭلۈم تۇيغاچ بىر ئىشنى،
باسالمىدىم كۆڭلۈمدىكى تەشۋىشنى.
 ئاڭا ئېيتسام مەن ئەنۋەرنىڭ دوستى دەپ،
بايان قىلدى باشتىن ئۆتكەن كەچمىشنى.


 بىر چاغلاردا ئۇمۇ سەبى قىز ئىكەن،
گۈزەللىكتە باشقىلاردىن ئۇز ئىكەن.
دوسلار بىلەن ئويناپ بېرىپ باغچىغا،
تۇتۇلۇپتۇ بىر كاساپەت ئاقچىغا.


 ھەش-پەش دىگەچ ئۆتۈپتۇ بەش-ئالتە ئاي،
بۇ جەرياندا بۇ بايقۇشنىڭ ھالىغا ۋاي.
قۇرسىقىمۇ چىقىپ قاپتۇ تومپىيىپ،
چانار ئىكەن يولدا ماڭسا چوقچىيىپ.


 ئۇ زەيپانە ئوچۇق قىلماي گېپىنى،
 يا ئالماستىن ھۆكۈمەتنىڭ خېتىنى.
قىزنى شۇنداق ئاخماق قىلىپ يۈرۈپتۇ،
بۇ بىچارە ئار - نۇمۇسقا ئۆلۈپتۇ.


 ئاي-كۈن توشۇپ قىز بوشانغان چېغىدا،
ئېرى مەلئۇن بىللە بولماي يېنىدا.
قەيەرلەردە كەيىپ قىلىپ يۈرگەنمىش،
ئۇ لاتىنى بەزىبىرلەر كۆرگەنمىش.


 ئۈچ كۈن ئۆتۈپ ئۆيگە كەپتۇ ساقچىلار،
ئۈلۈشكۈن كەچ تۇتۇلۇپتۇ ئاقچىلار.
 بالا بىلەن مۇھتاجلىقتا قاپتۇ قىز،
بۇ ئەلەملەر كەپتۇ ئاڭا بەكمۇ تېز.


 ئاشۇ پۇلنىڭ خىجالىتى يامانمىش،
پۇل بولمىسا چىرايلارمۇ سامانمىش.
 بالىسىنى تاشلاپ بېرىپ چوڭلارغا ،
راۋان بوپتۇ ئەگرى-توقاي يوللارغا.


 دوستى دەپتۇ قىيىن تۇرمۇش يوللىرى ،
«مىھمان» كۈتسە كۆپىيەرمىش پۇللىرى.
شۇنداق قىلىپ ئىشلەپ قاپتۇ بۇ يەردە،
ئويلىماسكەن بەخت دىگەن قەيەردە؟


 مىھمان بىلەن ئولتۇراركەن ئىچىشىپ،
مەس بولغاندا بىر يەرلىرى قىچىشىپ.
ھەتتا بەزەن بىرگە كېتىپ قالاركەن،
باھاسىدا كېتەلىسە چىقىشىپ.


 نەچچە قېتىم بىتاپ بولۇپ قاپتىمىش،
تىۋىپلاردىن دورا ئېلىپ يەپتىمىش.
دوختۇرلارغا تەكشۈرتۈشتىن قورقاركەن ،
نىمە كېسەل – بىر ئۆزىلا ئۇقاركەن .


 كۆنگەن ئىشى شۇبولغاچقا بايقۇشنىڭ،
 مەززىسى يوق بىلىنەركەن تۇرمۇشنىڭ.
گەپ شۇ يەرگە كەلگەن چاغدا بىچارە،
ھۆڭرەپ كەتتى،ئەھۋالىمغا- نە چارە؟


 كەيىپلىرىم يېشىلىپ كەتتى بىردىنلا،
 ئاڭلاپ قىزدىن سادىر بولغان قىسمەتنى.
شۇ زامانلا قايتىپ كېلىپ ئۆزۈمگە،
بايان قىلدىم گۈزەل ئەخلاق-خىسلەتنى.


 تەسىرلەندى قىزمۇ كۆزگە ياش ئېلىپ،
ياخشى سۆزدە كېتىدىكەن تاش ئېرىپ.
دىدى شۇئان: ئۇ قىزدىمۇ كېسەل بار،
چاقىرىۋىلىڭ سېكرىتارنى گاچ بېرىپ...


 تۈگىدى 
ئاپتورى : يۇمۇرچى

 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۇنى





144 قېتىم كۆرۈلدى yumurchi ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-28 17:57:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ